قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئون مىڭلىغان ئائىلىلىلەرنى قوغداش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2018-06-08 12:30:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سىچۈەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئون مىڭلىغان ئائىلىلىلەرنى قوغداش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان، ميەنياڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر ئالدامچىلىق دېلوسى كىشىلەرنى بەك چۆچۈتتى. ئالدامچى ئۇنسۇرلار مىسىردىن تېلېفون بېرىپ، ميەنياڭ شەھىرىدىكى بىر ئەرنىڭ 2 مىليون 780 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن. بۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان «جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ» ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنى، يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ساقچى تارماقلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 21 نى تۇتتى.
خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 4- ئاينىڭ 21- كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گوڭ فامىلىلىكنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغان. بۇ كىشىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىچە، ئۇ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئالدامچىلار ئۇنىڭ 2 مىليون 780 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇدا 40 نەچچە كۈن ئىشلەپ، 10 نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، لياۋنىڭ، گۇاڭدۇڭ، خېيلوڭجياڭ، خېنەن، يۈننەن، شەندۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا قەدەر بېرىپ، ئاخىرى بۇ يىل 5- ئاينىڭ 27- كۈنى تورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىپ، 21 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ مەملىكەت بويىچە 300 دىن ئارتۇق دېلوغا چېتىلغان.
مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى جاپالىق تەكشۈرۈپ، بۇ جىنايەت گۇرۇھىنى تېپىپ چىققان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئۇۋىسىنىڭ مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ئىكەنلىكى، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى  ئېنىقلىغان.
يەنى، بىرىنچى قەدەمدە: مەلۇم بىر ئالاقە شىركىتىنىڭ تېلېفونىستى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا، يان تېلېفون ھەققىگە كۆپ سوممىلىق قەرز بولۇپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلدىڭىز. تېلېفون مۇلازىمىتىڭىز توختىتىۋىتىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى سىزنى تەكشۈرىدۇ، دېگەن. قارشى تەرەپنىڭ قورققانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، تۇرۇبكىنى ئۆزىنى ساقچى دەۋالغان ئىككىنچى لىنىيىدىكى تېلېفونسىتقا بەرگەن.
ئىككىنچى قەدەمدە، ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان تېلېفونىست زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سىزنىڭ پۇل يۇيۇش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى بايقىدى. بۇ ئىشلارنى بىرەرسىگە ئېيتماڭ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاڭ. بولمىسا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى سادىر قىلغان بولىسىز، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھەر خىل يالغان گەپلەرنى توقۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ قورقۇتقان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغاندا، بۇ ئاتالمىش «تېلېفونىست» تېلېفوننى يەنە تەپتىش ئەمەلدارى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئۈچىنچى بىر تېلېفونىستقا ئۇلاپ بەرگەن؛
ئۈچىنچى قەدەمدە، تەپتىش ئەمەلدارى قىياپىتىگە كىرىۋالغان جىنايەت گۇماندارى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ساختا تۇتۇش بۇيرۇقى ئەۋەتىپ بېرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئىشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن دەرھال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن پۇلنى تەپتىش ئەمەلدارى تەمىنلىگەن ئاتالمىش بىخەتەر ھېساباتقا ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تىپىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت مەھكىمىسى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئالداش نىشانى ئاساسەن يېشى چوڭراق پېنسىيەگە چىققان ئىشچى- خىزمەتچىلەر توپىغا قارىتىلغان. ئالدامچى ئۇنسۇرلار ھەر خىل جىنايەتلەرگە چېتىشلىق دېگەننى باھانە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، چوقۇم نامىدىكى مەبلەغنى جىنايەت گۇماندارى تەمىنلىگەن ئاتالمىش «بىخەتەر ھېسابات»قا يۆتكەشنى تەلەپ قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. بۇ خىل دېلولارغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاممىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى ئەزەلدىن تېلېفون ئارقىلىق دېلو بېجىرمەيدۇ. ھەم ئەزەلدىن «بىخەتەر ھېسابات» تەسىس قىلغان ئەمەس. پۇقرالاردىن پۇل يۆتكەش ۋە پۇل پېرېۋوت قىلىشنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر گۇمانىڭىز بولسا 110 غا بىۋاستە تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سوراڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى