قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتى مەنئى قىلىنىدۇ

2018-06-08 17:16:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكارلاردا ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىش، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ساياھەت مەنزىلگاھلىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئاسارە- ئەتىقىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان قىلمىشلار كۆرۈلسە، بازارغا كىرىش ئىجازىتى چەكلىنىدۇ ياكى مەنئى قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىستېمال قىلىشنى چەكلەش قاتارلىق بىرلەشمە جازالاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. ئېغىر لەۋزىدە تۇرمىغانلار
يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئالاقىدار جاۋابكارلىق سۇبيېكتلىرىنى بىرلەشمە جازالاش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرلەشمە جازالاشنىڭ ئوبيېكتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن، قائىدە- نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى مەۋجۇت بولغان ئالاقىدار جاۋابكارلىق سۇبيېكتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، بۇلار ساياھەت كوپىراتىپى، مەنزىرە رايونى ۋە ساياھەتچىلەرنى قاتناش، تۇرالغۇ، يېمەك- ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەر ۋە شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 بىرلەشمە جازالاش تەدبىرلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: لەۋزىدە تۇرمىغان بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بازارغا كىرىش ۋە مەمۇرىي ئىجازىتىنى چەكلەش ياكى مەنئى قىلىش؛ لەۋزىدە تۇرمىغان بىۋاسىتە ئالاقىدارلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىستېمالىنى چەكلەش؛ لەۋزىدە تۇرمىغان بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاپ تەقدىرلەش ۋە ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىقلارنى چەكلەشتىن ئىبارەت.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى