قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

2018-06-08 17:17:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، 800 دىن ئارتۇق بېيجىڭ، خېنەنلىك ساياھەتچى ئولتۇرغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، بۇ، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن 24- قېتىملىق مەخسۇس پويىزى، ساياھەتچىلەر كېلىپلا تيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
64 ياشلىق ساياھەتچى جيۇ جېنچۈەن خېنەنلىك بولۇپ، بۇ قېتىم ئايالى بىلەن بىللە شىنجاڭغا كەلدى. بۇغدا كۆلىدىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جيۇ جېنچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ئىزچىل بىر كېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىلىرىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. بۇ يەردىكى ساياھەت يېتەكچىلىرىمۇ ناھايىتى قىزغىن ئىكەن، مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرىمۇ ئېسىل ئىكەن، پۇرسەت بولسا مەن يەنە شىنجاڭغا كېلىمەن.
 بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۈتىۋېلىشقا شىنجاڭ »لۇشىدا« خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولغان، بۇ ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى خې پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ سەپەر ئۈستىدىكى  5 كۈنلۈك ساياھىتى ئىنتايىن مول بولدى، تەبىئىي مەنزىرە ھەم مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.
مەملىكەت بويىچە ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ باشلامچىسى، خېنەن »لۇشىدا« ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۇ تاۋ مۇنداق دېدى: ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن باشقا، كېيىن يەنە ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللەيمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، مەملىكەت بويىچە ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى ۋۇ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- ئايدا مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا قاتنايدىغان مەخسۇس پويىز 20 نەچچە قېتىمغا يەتتى، كۆپ قىسىم مەخسۇس پويىزلار ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان، شۇنداقلا يەنە قۇمۇل، قاناس، ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلارغىچە قاتنايدۇ. بۇ يىل «ساياھەتچىلىكنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، مول ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ھەمدە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش، مۇكاپاتلاش چارىلىرىنى يولغا قويدى.
 
مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن بۇ مەخسۇس پويىزلار ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىرىنچىدىن، بۇ مەخسۇس پويىزلارنى مەملىكەت بويىچە 100 دىن ئارتۇق ساياھەت كوپىراتىپى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، ساياھەت دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ؛ ئىككىنچىدىن، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق پىلانلىشى ئارقىلىق، تۈرلەر تېخىمۇ موللاشتى. شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى بىلەن قاناس، ئۈرۈمچى بىلەن ئىلى دېگەندەك ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسەد قىلىنغان، مۇۋاپىق تەڭشەشلەر قوشۇلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ يىل 1- ئايدا ئۆمەك تەشكىللەپ ساياھەت قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللەندى، خېنەن »لۇشىدا« ساياھەت گۇرۇھى مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئىتتىپاقىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئىتتىپاقداش ئەزالار ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزلىرى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدە تىزىملاتقان ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولدى. شەندۇڭ، تيەنجىن، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي، شاڭخەي، سەنشى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر «10مىڭ كىشىلىك شىنجاڭ ساياھىتى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ بېيجىڭ، خېنەن، خېبېي، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا يەنە شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزى، ئايروپىلان ھۆددىگە بېرىش ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تۈرلىرى يولغا قويۇلدى. بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە ياردەم بېرىدىغان تېز سۈرئەتلىك مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى 200 قېتىمغا يەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى