قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى-- قالۇن

2018-06-08 17:27:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قالۇن ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدىكى تارىسى ئەڭ كۆپ چەكمە چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي كىتابلاردا 72 تارىلىق باربىت دەپ تەرپ قىلىنغان. قالۇننىڭ شەكلى چاڭغا، ئاۋازى كوتوغا يەنە گۇجېڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان، لېكىن كوتوغا قارىغاندا زىلراق كېلىدىغان، كىلاسسىك ناخشا- مۇزىكا ئەسىرى «ئون ئىككى مۇقام» نى ئورۇنداشتا  كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم چالغۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا ﺗﻮﻱ- ﺗﯚﻛﯜﻥ، بايرام ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى، ياز كىچىلىرى ۋە مول- ھوسۇل شاتلىقىغا چۆمگەندە بىر يەرگە جەم بولۇپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، قەلبىدىكى خوشاللىقنى ئىپادىلەيدىغان ئادەت بار. قالۇن مەشرەپلەردە «ئون ئىككى مۇقام» نى ئورۇنداشتا  كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا «دولان مۇقامى» ۋە «قۇمۇل مۇقامى» نى ئورۇنداشتىكى ئاساسلىق تەڭكەش چالغۇ. بولۇپمۇ، «دولان مۇقامى» نىڭ ئەركىن ئۇدار قىسمىنى ئورۇنداشتا ئىشلىتىلىدىغان  مۇھىم چالغۇ.

دولان مۇقامى  قالون، دولان راۋابى، دولان غىجىكى، دولان دېپى قاتارلىق تۆت خىل چالغۇ بىلەن ئورۇندىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، قالۇن بىلەن دولان راۋابى بولسا دولان مۇقامى چالغۇلىرىنىڭ جېنى. 

مارالبېشى ناھىيىسىدە تەبىئىي مەدەنىيەت مەنزىرە رايونىدىن 48 ئى بار، شىنجاڭ موزىيىدا مارالبېشىدىن قىزىۋېلىنغان  4 مىڭدىن كۆپرەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانماقتا. مارالبېشىدىن قىزىۋېلىنغان نەچچە مىڭ  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلاردا ساقلانماقتا. مارالبېشى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ شوق، يېقىملىق ناخشا- مۇزىكىسىدىن باشقا، يەنە 2 مىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى تاڭۋاڭ  قەدىمىي شەھەرى خارابىسىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

1906- يىلى فرانسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى پېللىئوت خوتەندىن باشلاپ يەكەن دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى تاپقان، ھەمدە ئىككى ئايغا يېقىن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك قىزىپ، نۇرغۇن ئاسارە- ئەتىقىلەرنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەيكەل، ياغاچ ھەيكەل، تام رەسىمىنىڭ ئۆزىلا 400 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ياۋروپادا كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. ئارقىدىنلا ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، ياپونىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش ئېكىسپىدىتسىيەچىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ، خارابىيلىكتىن مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇرلۇقچە قىزىپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنى تېىىمۇ خاربىيلىككە ئايلاندۇرۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چەتئەللەرگە ئېقىپ كەتكەن.

 مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇ خارابىيلىقتىن قېزىۋېلىنغان ھەر خىل مەدەنىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تام رەسىم، لاي بۇت بېشى، يىپەك، ھەيكەل، پۇل، ھېجىر، مىس قاچا، زىبۇ - زىننەت بويۇملىرى قاتارلىق 4 مىڭ خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇلاردىن بىراھما يېزىقى، سوغدى يېزىقى، كۈسەن يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، قەدىمقى خەنزۇچە يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى بايقىغان. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بۇ قاقاس چۆللۈكتە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 200- يىلىدىن مىلادىيەدىن كېيىنكى 1000- يىلغىچە بولغان 1 مىڭ 300 يىل ئارىلىقتىكى تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ مەدەنىيەلەرنىڭ ئىچىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىن كەلگەن «خۇاشيا مەدەنىيىتى» ۋە غەرپ ئەللىرىدىن كەلگەن قەدىمقى پارس مەدەنىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ يەرنىڭ يەرلىك «سېكېر» مەدەنىيىتى بار.  خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي ئىزنالار بىلەن شىمالى سۇلالىلەر دەۋرىدىن سۇڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان تارىخي ئىزنالارمۇ بار.

تاڭۋاڭ قەدىمىي شەھەرى خارابىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋېيتۇ ئايمىقىنىڭ شەھەر خارابىسى بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر «توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرى» دەپ ئاتايدۇ. تاڭۋاڭ قەدىمىي شەھەرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206- يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 2 مىڭ 200 يىللىق تارىخقا ئىگە.  بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 60 كلومېتىر يىراقلىقتىكى داۋزۇ تاغدا. تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ شەھەرنىڭ سېپىلى توپا، تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئىچكى شەھەر، تاشقى شەھەر ۋە چوڭ تاشقى شەھەر دەپ بىر نەچچە قىسىمغا بۆلۈنگەن.  شەھەرنىڭ جەنۇب ۋە  شىمالىنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن دەرۋازا بولۇپ، تاشقى چوڭ شەھەرنىڭ تاملىرى شامالنىڭ ئۇچۇرىشى بىلەن يوقۇلۇپ توپىسىلا قالغان، شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تاڭۋاڭ كەنتى بار.

تاڭۋاڭ قەدىمىي شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى بىر مۇھىم قەدىمىي شەھەر خارابىسى. ئۇ ناھايىتى يۇقىرى ئارخېلوگىيەلىك قىممەتكە ئىگە. بۇ شەھەر ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى