قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭ شەھەرىدىكى يۆياڭ راۋىقىنى

2018-06-11 18:35:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۆياڭ راۋىقى يۆياڭ شەھىرىدىكى كونا شەھەر رايونىنىڭ غەربى شەھەر سېپىلىغا جايلاشقان، راۋاقتىن پەسكە قارىسا دوڭتىڭخۇ كۆلىنى، يىراققا نەزەر سالسا جۈنشەن تېغىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «دوڭتىڭخۇ كۆلى جاھاندىكى تەڭداشسىز كۆل، يۆياڭ راۋىقى جاھاندىكى بىرىنچى راۋاق» دەپ سۈپەتلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە كونا شەھەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، پەقەت يۆياڭ راۋىقىلا يۆياڭ شەھەرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان. كونا شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان كوچىلاردىكى ئىمارەتلەر كېيىن سېلىنغان، بىراز كونا كۆرۈنىدۇ. يۆياڭ راۋىقىغا تاڭ سۇلالىسى دەۋردىكى ئاتاقلىق شائىر لى بەي قاتارلىق ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن ئەمەلدارلار، ئەدىپلەريازغان مەسنىۋىلەر يېزىلغان تاختىلار ئېسىلىپ، يۆياڭ راۋىقىنىڭ تارىختىكى ئورنى تېخىمۇ نامايەن قىلىنغان.

بۇ يەردە يەنە «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» رومانىدىكى جو يۈ بىلەن شىياۋ چىياۋ ۋىدالاشقان. شياۋ چياۋ جو يۈگە ئەگىشپ تارىختىكى مەشھۇر چىبى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. يىجۇغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋاقىتتا جو يۈ كېسەل سەۋەبىدىن باچۇدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاران 36 ياشتا ئىدى. شىياۋ چىياۋ بولسا ئاران 30 ياش چامىسىدا ئىدى. جۇ يۈنىڭ ئۆلىمىدىن شياۋ چياۋ قاتتىق قايغۇرغان. ئۇ سۈرەتتەك گۈزەل جەنۇبىي جۇڭگودا زېرىكىشلىك ئىچىدە ياشاپ، 47 يېشىدا كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. يۆياڭدىكى شىياۋچياۋ قەبرىسىنىڭ بېشىدا لىشۇ خەت نۇسخىسىدا ئويۇلغان «شياۋچياۋ مەقبەرىسى» دېگەن تاش ئابىدە بار.

تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، يۆياڭ راۋىقى مىلادىيە 220- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە سېلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەسلىدە ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ۋۇ بەگلىكىنىڭ سەركەردىسى لۇ سۇنىڭ «لەشكىرىي كىمە راۋىقى» ئىكەن. غەربىي جىن سۇلالىسى ۋە شىمالىي سۇلالىلار دەۋرىدە «بالىڭ» دەپ ئاتالغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى چىڭلىنىڭ 6- يىلى تېڭ زىجىڭ يۆياڭ راۋىقىنى قايتا سالدۇرغان، كېيىن ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ئارىلىقىدا، چىڭ سۇلالىسى ۋە مىنگو دەۋرىدە كۆپ قېتىم ۋەيران بولغان،نۇرغۇن قېتىم رىمونت قىلىنغان.

ھازىرقى يۆياڭ راۋىقىنىڭ ئاساسىي راۋىقىنىڭ ئېگىزلىكى 19.42 مېتىر، كەڭلىكى 17.42 مېتىر بولۇپ، ئۈچ قەۋەتلىك، تۆت تۈۋرۈكلۈك، ئايۋانلىق، تورۇسلۇق ۋە ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ سېلىنغان. راۋاق ئىچىدىكى 4 تال ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن تۈۋرۈك تورۇسقا تاقىشىدۇ، ئەتراپى كارىدور، چاسا تۈۋرۈك، ۋاسا، لىم قاتارلىقلار ئۆزئارا بىرىكىپ بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرگەن. يۆياڭ راۋىقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھەرىدىكى خۇاڭخېلو راۋىقى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىكى تېڭۋاڭ راۋىقى بىلەن قوشۇلۇپ «جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ مەشھۇر راۋاق» دەپ تەرىپلەنگەن. لېكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۆياڭ راۋىقىلا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.

يۆياڭ راۋىقىنىڭ ياغاچ تۈۋرۈكى، ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە بىزىلىشىدىن بىر خىل گۈزەللىك چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو قەدىمقى بىناكارلىقىنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان. «تۆت تۈۋرۈك» بولسا يۆياڭ راۋىقىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسىي تۈۋرۈك تۆت تال نەنمۇ دەرىخى ياغىچىدىن ياسالغان بولۇپ «جاھان تۈۋرىكى» دەپ ئاتالغان. بۇ تۈۋرۈك بىرىنچى قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكىچە تۇتاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، كارىدور تۈۋرۈكىدىن 12 تال، پىشايۋان تۈۋرۈكىدىن 32 تال بار بولۇپ، بۇ ياغاچ تۈۋرۈكلەر بىر- بىرىگە چېتىلىپ، بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تۈۋرۈكلەر راۋاقنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، پۈتۈن قۇرۇلۇشنى تېخمۇ پۇختا قىلغان. يۆياڭ راۋىقىنىڭ ئۈچ قەۋىتىنىڭ ھەممىسىدە ئۇزۇن ھەم كەڭ لەمپە بار، لەمپىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، ھۈنەر سەنئىتى نەپىس. يەرلىك كىشىلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، بۇنى لۇ بەن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئىكەن.

يۆياڭ راۋىقىنىڭ تورۇسى دوبۇلغا شەكلىدە چىقىرىلغان، بۇنداق قەدىمكى سەركەردىلەرنىڭ دوبۇلغىسىغا ئوخشايدىغان تورۇس قۇرۇلمىسى جۇڭگونىڭ بىناكارلىق تارىخىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنى جۇڭگودا ھازىرغىچە ساقلانغان بىردىن ـ بىر دوبۇلغا قۇرۇلمىلىق قەدىمىي قۇرۇلۇش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بەلكىم، ئەينى ۋاقىتتا «لەشكىرىي كىمە راۋىقى» نىڭ ھوقۇقنىڭ سېمۋولىغا، سەركەردىنىڭ دۇبۇلغىسىغا ۋەكىللىك قىلىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

يۆياڭ راۋىقىنىڭ ئاستىدا ئەگمە شەكىللىك لەخمە يول بولۇپ، بۇ يول ئارقىلىق كۆل بويىغا بارغىلى بولىدۇ. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋردىكى شەرقىي ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ سەركەردىسى جۇ يۈ، لۇ سۇلار بۇ يەردە سۇ لەشكەرلىرىنى مەشق قىلدۇرغان. بۇ يەر سۇ لەشكەرلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىشنى مەشق قىلىدىغان پىرىستان ياكى پىيادىلەر يولى بولۇشى مۇمكىن.

يۆياڭ راۋىقىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەتتات جاڭ جاۋ ھۆسىنخەت شەكلىدە يېزىپ ياغاچ تاختىغا ئويۇپ چىققان «يۆياڭ راۋىقى خاتىرىسى» نىڭ ئويما نۇسخىسى بار. بۇ 12 پارچە ناررا دەرىخى ياغىچىدىن قوراشتۇرۇپ ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ماقالە، خەتتاتلىق، ئويمىچىلىق ھۈنىرى ۋە ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسى ئەتىۋارلىق نەسىلەر. بۇلار بىزگە كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا دەرسلىكتىكى «يۆياڭ راۋىقى خاتىرىسى» تېكىستىنى يادلىدىغان ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلىتىدۇ. «ئىشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولمىسا ئۆزىڭدىن زارلانما» دېگەن كۆرۈنۈشلەر بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ، تارىخقا قايتىپ قالغاندەك بولىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى