قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 دۆلەتنىڭ A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ــــ يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى

2018-06-11 18:41:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى دۆلەت A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، 2003- يىلى تۇرپان يالقۇنتاغ ساياھەت پاي شىركىتى مەبلەغ سېلىپ ئاچقان ھەم ھازىرغىچە تىجارەت قىلىپ كەلمەكتە، مەنزىرە رايونى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 28 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، دۆلەت يولى 312- لىنىيەسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدۇ. يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەر يۈزى ئىمارەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 9 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇ غەربكە ساياھەت مەدەنىيەت كارىدورى، يالقۇنتاغ جۇغراپىيە مەدەنىيەت زالى، ئىدىقۇت تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر زالى، غايەت زور تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ كۆرگەزمە زالى ۋە رېستوران، ئىستىراھەت مال سېتىۋېلىش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى پۈتكۈل يالقۇنتاغ تاغ تىزمىسىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەنزىرە بولۇپ، تاغلارنىڭ شەكىللىنىش ھەرىكىتى ۋە ئۇزۇن مەزگىل شامالدا يىمىرىلىپ يامغۇر سۈيىنىڭ تاغ گەۋدىسىنى يالىشى نەتىجىسىدە، چوڭ- كىچىك جىلغىلار شەكىللەنگەن. يالقۇن تاغدا بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ، قۇياش نۇرى ئاستىدا قوڭۇر قىزىل رەڭلىك تاغ گەۋدىسىدىن ئىسسىق دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى ئوت يالقۇنى كۆتۈرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ يەرنىڭ نامى يالقۇنتاغ دەپ ئاتالغان. يالقۇنتاغنىڭ يىللىق ھۆل- يىغىن مىقدارى 16.6 مىللىمېتىر بولۇپ، يىللىق پارغا ئايلاندۇرۇش مىقدارى 3 مىڭ مىللىمېتىر، ياز پەسلىدە يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 70 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 89 سېلسىيە گرادۇسقا چىقىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى