قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 پاشا چاققاندىن كېيىن قىچىشىشنى توختىتىش چارىلىرى

2018-06-11 18:44:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تېز سۈرئەتتە قىچىشىشنى توختىتىش چارىلىرىنى تۇنۇشتۇرىمىز.

(1) يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. پاشا چاققاندىن كېيىن، دەرھال قىززىق لۆڭگىدە بەش مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. لۆڭگىدىن باشقا يەنە قىززىق قوشۇق ئارقىلىق بىر مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزسىمۇ قىچىشىش توختايدۇ. يەنە چاچ قۇرۇتقۇچ ئارقىلىق پاشا چاققان ئورۇننى قىززىتىش ئارقىلىقمۇ قىچىشىشنى توختاتقىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ئۇسۇلدا تېرىنى زەخملەندۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم.

(2) مۇز پارچىسى ئارقىلىق سوغۇق ئۆتكۈزۈش. لۆڭگىگە مۇز پارچىلىرىنى ئوراپ، پاشا چاققان ئورۇنغا سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قىچىشىشنى توختاتقىلى بولىدۇ.

(3) سۇدا. بىر قاچىغا بىر قوشۇق سۇدانى سېلىپ، ئاندىن يېرىم ئىستاكان ئىلمان سۇنى قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلگەن سۇدانى پاشا چاققان ئورۇنغا سۈرۈپ، 10 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيىۋەتكەندە، قىچىشىش توختايدۇ.

(4) سوپۇن. پاشا چاققان ئورۇنغا سوپۇن سۈرۈش ئارقىلىق قىچىشىشنى توختىتىپلا قالماي، يەنە ئىششىقنى ياندۇرغىلىمۇ بولىدۇ.

(5) چىش پاستىسى. پاشا چاققان ئورۇنغا چىش پاسىتىسى سۈرۈش ئارقىلىقمۇ قىچىشىشنى توختاتقىلى بولىدۇ.

(6) بانان شۆپىكى. بانان شۆپىكىنى پاشا چاققان ئورۇنغا بىر نەچچە مىنۇت سۈركەش ئارقىلىق قىچىشىشنى توختاتقىلى بولىدۇ، ئون نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيىۋەتسىلا كۇپايە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى