قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاقىت

2018-06-11 20:02:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*ۋاقىت-ناھايىتى مۇلايىم، لېكىن ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز كۈچكە ئىگە.

*ۋاقىت-ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ. چۈنكى بىر قېتىم ئېقىپ كەتكەن سۇ قايتىلانمايدۇ، سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز پەقەتلا ئاشۇ سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.

*ۋاقىت-دېڭىز دولقۇنى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دېڭىز ساھىلىدىكى بارلىق ياخشى-يامان ئىزلارنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدۇ.   

*ۋاقىت-بارلىق ھېسسىياتلارنى ئاجىزلىتالايدۇ ھەم كۈچەيتەلەيدۇ. شۇڭا ۋاقىت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان تارازا.   

*ۋاقىت-كۆپ ئىقتىدارلىق ئاچقۇچ. ئۇ ھەرقانداق ئېچىلمايدىغان مۇستەھكەم قۇلۇپلارنىمۇ ئېچىۋېتەلەيدۇ. 

*ۋاقىت يەنە بىر بانكا، بىز ئۇنىڭغا ھەم پۇل قويالايمىز ھەم بەلگىلەنگەن سوممىدىكى پۇلنى ئالالايمىز. 

*ۋاقىت-ئۇستا بىر رەسسام. ئۇ سىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى ئوخشاش بولمىغان سىمايىڭىزنى ئادىللىق بىلەن سىزگە سىزىپ بېرىدۇ.

*ۋاقىت- ۋەدە. ئۇ سىزنىڭ بارلىق كۈچىڭىزنى ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان مۇھەببەتنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىغانلىقىڭىزنى سىنايدۇ. 

*ۋاقىت-دۇنيادىكى قىممەتلىك نەرسە، ئۇ پۇل ۋە جاۋاھىراتلارغا ئوخشىمايدۇ، پۇل ۋە جاۋاھىراتلار يۈتۈپ كەتسە ئۇنى تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئۆتۈپ كەتتىمۇ بولدى، مەڭگۈ سىزگە تەئەللۇق بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى