قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۈنچىلىرى...

2018-06-11 20:04:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*بەخت تۇيغۇسى ھامان ئۆزىمىز بىلەن بىللە، ھاياتىمىزنىڭ ئۆزى بىز ئۇچۇن ھىچكىم بىرەلمەيدىغان ئەڭ زور بەخت.تۇرمۇش ئەزەلدىن بەخىتكە تولغان، ئۇنى بايقاش ئۆتكۇر قەلب كۆزىمىزگە باغلىق، كۇندىلىك تۇرمىشىمىزدا سەمىمىي ۋە غەرەزسسىز ھالدا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئامال بار باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش، سەمىمىي ئالاقە قىلىش، سەھەر تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان بەخىت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيمىز.
*ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كۆزلىگەن نىشانىغا يىتىش ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئادەمنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ئىش. مەيلى شەخسىي تۇرمۇشتا بولسۇن، مەيلى مەلۇم كەسىپ ۋە ئىشتا بولسۇن، ئۇنىڭ داۋاملىشىدىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ. مانا بۇ بەخت ۋە خوشاللىقنىڭ بۇلىقى.
*تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن باقساق ئۇمۇ ئەلۋەتتە بىزگە خۇش تەبەسسۇم بىلەن باقىدۇ.تۇرمۇشنى خۇشاللىققا تولدۇرۇپ ياشاش بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىش ئەلۋەتتە.سىزنىڭ دۇنيادا ھايات ئىكەنلىكىڭىز، پارلاپ تۇرغان قۇياشىنىڭ نۇرانە جامالىنى ھەر سەھەر كۆرەلىگەنلىكىڭىز بەختىلىك ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.شۇڭا دوستۇم ھەر ۋاقت، ھەر زامان خۇشاللىقنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىڭ. شۇندىلا بارا - بارا ئۆزىڭىزنىڭ  ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەنلىكىڭىزنى،ئەڭ مۇھىمى خۇشال ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىپ  قالسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى