قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى

2018-06-11 20:07:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

* ئۆز ئۈستۈڭىزدىن قازانغان غەلىبىڭىز، ئەڭ بۈيۈك غەلبىدۇر، شۇڭا ئۆزىڭىزنى يېڭىشنى ئۆگىنىڭ. ئۆزىڭىزنى بىئارام قىلىۋاتقان نەرسىلەرگە قارىتا قەلبىڭىزدىكى تۇيغۇلارنى ئۆزگەرتىڭ، ئەنە شۇ چاغدىلا ھاياتتا تېخىمۇ گۈزەل ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. 

* غايە، ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يېتىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ھەم تەدبىرىگە باغلىق. ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ پىلان بولغاندا، شۇ پىلانغا يېتىش ھەر بىر ھالقىسىدىكى كىچىك پىلانلىرىڭىزمۇ بولسۇن، شۇندىلا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۆز غايىڭىزگە قاراپ يېقىنلىشىسىز. 

* كەڭ قورساقلىق كىشىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدىغان، يۈزىنى يورۇق قىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ بىرىدۇر، ھاياتلىقتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا كەڭ قورساق ۋە مەردلىكنى ئۆزىڭىزگە يار قىلىڭ. كەڭ قورساقلىق- ئۇ بىر خىل سېھرىي كۈچ، ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا يار بولسا، سىز مەڭگۈ جەلىپكار ئادەم بولالايسىز. ھاياتىمدا يېڭىلمەي ياشاي دېسىڭىز كەڭ قورساق ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ.

*ھەر قانداق پاكىز لىباس يېقىملىق بولغىنىدەك، قەلبمۇ پاكىز بولسا يېقىملىق بولىدۇ. ھەر بىرىمىزگە ئىللىق ۋە پاكىز قەلىب يار بولسۇن. ياخشى مىجەز- خۇلۇق ھەممە كۆڭۈلنى شاد ئېتىدىغان، كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى قەلىب ئالاقىسىنى راۋانلىققا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم پەزىلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ياخشى مىجەز- خۇلقى بار كىشىنى ھەممە ئادەمنىڭ ئىزدىگۈسى، مۇڭداشقۇسى، دوست بولغۇسى كېلىدۇ.

*كۆيۈنۈش- ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاساسى، ۋاپادارلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى، قەلبلەرنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرغۇچى ئۈزۈلمەس رىشتە بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقنى ئەڭ گۈزەل مەنالارغا ئىگە قىلىدۇ. كۆيۈنۈش- ئادىمىيلىكنىڭ ۋە ئەخلاق پەزىلەتنىڭ جېنىدۇر، مېھىر- ۋاپا، قەدىرلەش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا توغرا بولغان كىشىلىك قارىشى، قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.   

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى