قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆك پۇرچاقتىن ھوسۇل ئېلىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2018-06-12 19:15:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، شىخۇ شەھىرىنىڭ باشىسىخۇ يېزا باخەي كەنتىدىكى كۆكتاتلىقتا كۆكتات تېرىغۇچى دېھقان لۇ شىنشېنىڭ ئائىلىسى كۆك پۇرچاق ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇلار كەنتتىكى كۆكتات سودا بازىرىغا كۆك پۇرچاق ئاپىرىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى.

لۇ شىنشې مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، كۆك پۇرچاقنى بازارغا ئاپاردىم، يازلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ھەر كۈنى ئوخشاش بولمايدۇ، بىز ئائىلە بويىچە كۆك پۇرچاق ئۈزۈپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بازارغا ئاپاردۇق. بۇ يىل 3 مو يەرگە كۆك پۇرچاق تېرىدىم، ھەر كىلوگرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 6 يۈەندىن 8 يۈەنگىچە بولدى، ئادەم كۈچى چىقىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى سېلىنمىسنى چىقىرىۋەتكەندە ھەر مو يەردىن قىلغان كىرىمىم 8 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىشى مۈمكىن.

بۇ يىل، باشىسىخۇ يېزىسى كۆكتات تېرىشتا 4 يېڭى تېخنىكا ۋە مېۋە قوناق، سۈتلۈك بۆلجۈرگەن، پارنىك ياغلىق شاپتول قاتارلىقلارنىڭ 13 خىل يېڭى سورتىنى كىرگۈزدى. باشىسىخۇ يېزىسى باخەي كەنتى ۋە ۋۇداۋچياۋ كەنتىنى مەركەز قىلىپ، 10 مىڭ مولۇق يېشىل كۆكتات بازىسى ۋە يەرلەرنى تۇتاش تېرىشقا تايىنىپ، 16 تېرىقچىلىق كەسپىي كەنتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

كۆك پۇرچاق باشىسىخۇ يېزىسى تېرىغان ئەنئەنىۋى كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىر يىلدا 2 قېتىم تېرىلىدۇ. بۇ يىل باشىسىخۇ يېزىسىنىڭ كۆك پۇرچاق تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىڭ 200 مودىن كۆپرەككە يەتتى، مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنى كۆك پۇرچاق بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، كۆك پۇرچاقنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 8 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىىن، كۆك پۇرچاقنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 6 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، ھەر موسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 2 يېرىم توننىغا يېتىپ، 10 مىليون يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىش مۆلچەرلەندى.

باشىسىخۇ يېزىسىنىڭ كۆك پۇرچاقتىن ھوسۇل ئېلىشى ئەتراپتىكى كەنت ئەترەت، يېزا- بازارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. كۈنلۈك 80 يۈەن، 100 يۈەنلىك كۆك پۇرچاق ئۈزۈش ھەققى يېرىنى ئوبوروت قىلغان يېزا ئارتۇق ئەمگەكچىلىرىنى قىلىدىغانغا ئىش بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى