قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن بەختلىك ھايات»

2018-06-12 19:17:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۈكۈر ۋەلى بورتالا شەھىرى قوش دەريا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىڭ خوجايىنى بولۇپ، بۇ يىل 50 ياشقا كىردى. ئۇ بورتالا شەھىرىنىڭ ئۇتتۇبۇلاق بازىرى ئۇلاستاي كەنتىدە تۇغۇلغان. 1990- يىلى، 22 ياشلىق شۈكۈر شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر كارخانىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى. 1994- يىلى، كارخانا تاقىلىپ قېلىش سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن قالدى.

كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟ شۈكۈرنىڭ بوۋىسى ياش ۋاقتىدا ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق يېمەكلىك زاۋۇتىدا تېخنىك بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا توپلىغان مول تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، نەۋرىسىگە مەدەت بېرىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەتىپ،بەختىلىك تۇرمۇش يارىتىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. شۈكۈر مۇنداق دېدى: ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئىگىلىك تىكلەشتە نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلەر بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىقىمدىكى غەيرەت- جاسارىتىم بىلەن دېڭىزغا چۈشۈپ ئۆزۈمنى سىناپ بېقىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم.

1995- يىلى، شۈكۈر 20 مىڭ يۈەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇلغا ئېرىشىپ ئۈسكۈنە ۋە خام ئەشيا سېتىۋېلىپ، ئۇلاستاي كەنتىدە كەمپۈت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قۇردى. شۈكۈر مۇنداق دېدى: بىر ئايلىق كىرىمىم 3 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ئالدىراشلىقتىن بازارغا ئۈلگۈرتەلمەي ئىلگىرىكى زاۋۇتتىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىككى ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتىم.

2007- يىلى، سودا كاساتلىشىشى بىلەن قەنت- گېزەك سودىسى كۈندىن- كۈنگە سۇسلىشىپ كەتتى. 2008- يىلى، 40 ياشقا كىرگەن شۈكۈر يەنە بىر قېتىملىق تاللاشقا دۇچ كەلدى.

شۈكۈرنىڭ ئايالى بورتالا شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ شۈكۈرگە قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قويىۋەتمەي، تىرىشىپ يېڭى سودا پۇرسىتى ئىزدىشىگە ئىلھام بەردى. شۈكۈر مۇنداق دېدى: بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈپ بازارنى دەڭسەپ كۆرۈش ئارقىلىق، كەمپۈتنىڭ شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قېتىپ «كاۋاس» ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەسىس قىلدۇق.

شۇنداق قىلىپ، شۈكۈر خوجايىندىن شاگىرت ئىشچىغا ئۆزگىرىپ، كۈندۈزلىرى ئۇستازىغا ئەگىشىپ ئىشلەش تەرتىپى، خام ئەشيا نىسبىتى قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلارنى قېترقىنىپ ئۆگەنسە، كەچلىرى ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلاپ ۋە رەتلەپ، تەپسىلىي خاتىرە يېزىپ قالدۇردى. شۈكۈر بۇ توغرىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: دەسلىپىدە كاۋاس ياساش كەسپىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ دىگۈدەك «كاۋاس» ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئۈستىدە تەپسىلى ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ باردىم.

2009- يىلى، «كاۋاس» ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن كېيىن، شۈكۈر 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېچىتقۇ باكى بىلەن توڭلىتىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ كاۋاس ئىشلەشكە باشلىدى ھەمدە بىر يىلدىلا، ساپ كىرىمىنى 60 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

بىر نەچچە يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، شۈكۈر ئىشلەپچىقارغان «كاۋاس» لار خۇشپۇراق، تاتلىق، ساپ تەمىگە تايىنىپ ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 10 توننىغا يېتىپ، ئىشچىلار ئەسلىدىكى ئىككىدىن ئالتىگە كۆپەيدى. بۇنىڭلىق بىلەن شۈكۈرمۇ زاۋۇتىنى كىڭەيتىپ، بورتالا شەھرى «قوش دەريا» يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ رويخەتكە ئالدۇردى.

2014- يىلى، شۈكۈر شىخو، كۈيتۈن قاتارلىق جايلانىڭ بازىرىنى ئېچىپ، «كاۋاس» تىن شۇ يىلىلا 200 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

بۇلتۇر، شۈكۈر ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالدى. بورتالا ئوبلاستلىق ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئۇلاستاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى زىيارەت جەريانىدا، شۈكۈرنىڭ زاۋۇتىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، شۈكۈرگە ياردەم قىلىپ زاۋۇتنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىختىدارىنى ئاشۇرۇشنى، بۇ ئارقىلىق شۈكۈرنىڭ ئۈلگە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى قارار قىلدى. نۆۋەتتە، يېڭى زاۋۇت ئۈسكىنىلىرى تەڭشەش باسقۇچىغا كىردى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن شۇ كەنتتىكى 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.

شۈكۈر ھازىر ئىككى يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ دىرېكتورلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. شۈكۈر ئىشەنچكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: قوش دەريا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىمىزدا ئىشلەۋاتقان ئالتە ئىشچىنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر ئىدى، ھازىر ئۇلار پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. يېڭى زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كەنتىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بەختىيار يىڭى تۇرمۇشىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى