قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇش ھېكايىسى

2018-06-12 12:25:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ داڭلىق «مېۋە- چېۋە ماكانى» بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم، ئۆرۈك، ئۈجمە، شاپتۇل، جىغان، قوغۇن، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق تۈرلۈك مېۋە- چېۋىلىرى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كەلمەكتە. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ كۈنسېرى راۋاجلىنىشى ۋە زورىيىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە- چېۋىلىرىنىڭ داڭقى تېخىمۇ تارالماقتا.

سەمەت ئۆرۈكى، ئاق كىشمىش ئۆرۈك، قاق ئۆرۈك.... شىنجاڭ ئۆرۈكلىرى تىلغا ئېلىنسا، سورت تۈرلىرىنىڭ موللىقى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالا- چەكمەن قىلىۋېتىدۇ. سەمەت ئۆرۈكى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2017- يىلى ھاشارات زىيىنىنىڭ تەسىرىدە، سەمەت ئۆرۈكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچراپ ھوسۇل ئېلىنمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ جايدىكى باغۋەنلەر سەمەت ئۆرۈكىدىن ھوسۇل ئېلىشقا نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى يوقاتتى.

لېكىن يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ساغان يېزا ئاچال كەنتىدىكى باغۋەن ئەخمەتجان ئابلا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىزنىڭ پەرۋىشىمىز ياخشى بولمىغاچقا، ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، ئۆرۈكنىڭ تەمىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى، شۇڭا زاكاسمۇ ئاز ئىدى. بۇ يىل ناھىيەگە مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى كېلىپ، بىزگە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشنى ئۆگەتتى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىل ئۆرۈكتىن چوقۇم مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.» بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىشقا ياردەم قىلىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ ئورمانچىلىق نازارىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 34 ناھىيە، شەھەردە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

شىنجاڭ باغۋەنچىلىك ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: «ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بازا قۇرۇلۇشى، بۇ بىزنىڭ دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، تېرىقچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكلىشىمىزگە ئېھتىياجلىق. مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمى ئاستىدا، بۇ يىل يېڭىسار ناھىيىسىدىكى ئۈرۈك دەرىخىنىڭ مىۋە تۇتۇش نىسبىتىنى %10 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە سورتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈرۈكنىڭ پىشىش مەزگىلىنى ئۇزارتىشنى پىلانلاۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن 5- ئايدىن 9- ئاينىڭ باشلىرىغىچە ھەر قانداق ۋاقىتتا يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ سەمەت ئۆرۈكىگە ئېغىز تەككىلى بولىدۇ».

ئاقسۇ يىپەك يولى يېڭى دېھقان، يېڭى باغۋەنلەر كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جىن شىن ئۈرۈك سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر ئاقسۇ ناۋات ئالمىسىدىنلا 100 مىڭ يەشىكتىن كۆپرەك ساتتۇق، نۇرغۇن خېرىدارلار ئالمىنىڭ تەمى ياخشى، سۇ تەركىبى مول ئىكەن دەپ ئىنكاس قىلدى. ھازىر ئۆرۈك پېشتى، بىز شىنجاڭنىڭ ئۆرۈكىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرمەكچى بولۇۋاتىمىز.»

جىن شىن ئاقسۇ ۋىلايىتى خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدىن، ئۇلارنىڭ 300 مودىن ئارتۇق كۆلەمدە ئالمىلىق بېغى بار بولۇپ، كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ ئالما كۆچىتى تىككەنلىكىنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، مېۋىلىك دەرەخكە نىسبەتەن ئالاھىدە مېھرى بار ئىدى، ئۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن مېۋە سېتىشنىڭ قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتى.

2015- يىلى جىن شىن مۇقىم خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ مېۋە سېتىشىغا ياردەملىشىشنى قارار قىلدى. جىن شىن مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ھېچقانداق تەجرىبەم يوق ئىدى، ئۆزۈمگە تايىنىپ ئاستا- ئاستا ئىزدىنىش ئارقىلىق تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچتىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ساتتىم ھەمدە دوستلار چەمبىرىكىدە <دەرىجىگە ئايرىپ ۋاكالەتچىلىك قىلىش> نى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنى مال بىلەن تەمىنلىدىم.»

جىن شىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن دوستلارنىڭ مېۋىلەرنى بەس- بەستە سېتىۋېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ سېتىش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ ئۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ مېۋە- چېۋىلىرىنى سېتىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

جىن شىن مېۋە سېتىش جەريانىدا نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىلمىي پەرۋىش قىلمايدىغانلىقى، پەقەت شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئۆستۈرىدىغانلىقى، شۇڭا مېۋىلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەن، سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن جىن شىن ھەر تەرەپتىن ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە مېۋىلىك باغلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى ھەمدە 2017- يىلى ئاقسۇ يىپەك يولى يېڭى دېھقان يېڭى باغۋەنلەر كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ ئالما بازىسىنى بەرپا قىلدى، ھازىر بۇ بازىدا جەمئىي 2 مىڭ مودىن ئارتۇق مېۋىلىك دەرەخ بار بولۇپ، بىر تۇتاش پەرۋىش قىلىپ، بىر تۇتاش تېرىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەرنىڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى تەبىئىي يوسۇندا ياخشىلاندى.

ئىككى يىلدا جىن شىننىڭ شىركىتىنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى نەچچە ئون مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ ئۇنىڭ سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە جىن شىن مەھسۇلات ساھەسىنى كېڭەيتىپ، قوغۇن، ئاق كىشمىش ئۆرۈك قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مېۋىلىرىنى سېتىشقا باشلىدى ھەمدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە ئاق كىشمىش ئۆرۈك بازىسى قۇردى.

تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قۇمۇلنىڭ قوغۇنى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، كۇچانىڭ ئاق كىشمىش ئۆرۈكى قاتارلىق يەر ناملىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتالغان يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارغا تونۇش بولۇپ كەتتى، نامغا لايىق ئىش قىلىش ئۈچۈن، جايلاردىكى ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە باغۋەنلەر داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «مېۋە- چېۋە ماكانى» دېگەن نامىنى داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى.

شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئەشيا يەتكۈزۈش، بازار تىجارىتى بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئالاقە تورى»نى كارخانىلارنىڭ ماركا يارىتىش جەريانىدىكى مۇھىم ۋاستىگە ئايلاندۇردى.

شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھىنىڭ دا تاڭ يىپەك يولى سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھىنىڭ «مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش سىستېمىسى»غا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردىكى «داڭلىق ماركا» قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى. ئاقسۇنىڭ «18 گىرادۇسلۇق تاتلىق ئالمىسى»، تۇرپاننىڭ «17- نومۇرلۇق شىجوۋ ھەسەل قوغۇنى»، «25- نومۇرلۇق شىجۇ ھەسەل قوغۇنى» لىرىنى جامائەتچىلىككە تونۇتۇش جەريانىدا، بۇ شىركەت ئالاقە تورى ئارقىلىق كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ناھىيە، رايون بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ناھىيە، رايون ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر ناھىيە ئۈچۈن بىر مەھسۇلات»نى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نام- ئەمەل كارتىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئاستانا يېزا يېڭىتۇر كەنتىدىكى دېھقان ۋۇ پېيخەي بۇ يىل 18 پارنىكقا قوغۇن تېرىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى «25- نومۇرلۇق شىجۇ ھەسەل قوغۇنى» بولۇپ، 5- ئاينىڭ بېشىغىچە، يەتتە پارنىكنىڭ قوغۇنى سېتىلىپ بولدى، قالغان كېچىكىپ پىشىدىغان قوغۇنلارغىمۇ سودىگەرلەر ئاللىقاچان كۆز تىكىپ بولدى. ۋۇ پېيخەي مۇنداق دېدى: «25- نومۇرلۇق شىجۇ ھەسەل قوغۇنى» ھازىر توردىكى ئەڭ ياخشى سېتىۋاتقان قوغۇل بولۇپ قالدى، شۇڭا بۇ قوغۇننىڭ سېتىلىشىدىن غەم قىلمايمەن.

شىنجاڭ باغۋەنچىلىك ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: «داڭلىق ماركا يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بەلگىلىك كەسىپ ئاساسىغا ئىگە بولغان شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاللاش. كېيىنكى قەدەمدە باشلامچى كارخانىلارنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق، قېلىپلاشقان تېرىقچىلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سۈپەت ئاساسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.»

ھازىر تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدىكى قوغۇنلار پىشىشقا باشلىدى، لۈيىكاڭ يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ چاڭباۋ كەڭ كەتكەن ئېتىزلىققا قاراپ خىيالغا پاتتى.

بىر ئاي ئىلگىرى، سۇڭ چاڭباۋنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 900 كىلوگرام «بەي تيەنمېي» قوغۇنى چاڭشاغا يەتكۈزۈلدى. سۇڭ چاڭباۋ مۇنداق دېدى: «بۇ مەھسۇلاتلار ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە، ئاندىن ئايروپىلان بىلەن چاڭشاغا توشۇلىدۇ، ئىككى كۈندىلا شۇ جايدىكى بازارلاردا سېتىلىشقا باشلايدۇ.» بۇ يىل بۇ كوپىراتىپ تېرىغان «بەي تيەنمېي» قوغۇنى ئايروپىلان ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىپ خۇنەنگە سېتىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، توقسۇن ناھىيىسىدە ناھىيە دەرىجىلىك ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئايرىش مەركىزىدىن بىرى، ئامباردا ساقلاش، سوغۇق ساقلاش مەركىزىدىن بىرى ۋە يېزا (بازار) دەرجىلىك ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئايرىش مەركىزىدىن بىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەشيا ئوبوروتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر توقسۇننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرىنىڭ سېتىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

شىنجاڭ 5- ئايدىن باشلاپ مېۋە- چېۋىدىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىمۇ بۇ تۈردىكى ماللارنى توشۇش سالمىقىنى ئاشۇردى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ لىلەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى 5- ئاينىڭ 10ـ كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا 50 نەچچە توننا مېۋە- چېۋىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، فۇجۇ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى سەككىز شەھەرگە توشۇغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا تارماق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پوچتىسى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى، مەملىكەت بويىچە ئەشيا ئوبوروتى تېز يوللانمىلىرى، مەملىكەت بويىچە پوچتا تور نۇقتىلىرى ۋە توردىن مال سېتىۋېلىش سۇپىسى بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قوغۇن- تاۋۇزلىرىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بۇلتۇر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئانىرى جۇڭگو پوچتا ئەشيا ئوبوروت تورى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلدى. تۆمۈر يول تارماقلىرىمۇ ھەرىكەتكە كەلدى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئاقسۇنىڭ 560 توننا ئەلا سۈپەتلىك ئالمىسى «شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش» بويىچە تۇنجى سوغۇق زەنجىرسىمان كونتېينېرلىق مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋوگزالىدىن جېجياڭ شياۋشەنگە يەتكۈزۈلدى، بۇ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ يېڭى مېۋىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى ئۈچۈن تەييارلىغان بىۋاستە نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىدە سوغۇق ساقلاش كونتېينېرى ئارقىلىق توشۇلىدۇ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ.

ھازىر شىنجاڭ بويىچە سوغۇق ساقلاش، توڭلىتىش ئىسكىلاتلىرىنىڭ سىغىمى 2 مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتتى، شىنجاڭدىكى 189 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا 68 توڭلىتىش ئىسكىلاتى سېلىندى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپلەر ئوبوروتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ باشلىقى گو جيەنجۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ بازىسى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ۋە شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىلدا 60 مىڭ توننا مېۋە- كۆكتات ئېكسپورت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك مېۋە- چېۋىلەر 40 مىڭ توننىنى ئىگىلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلىنىڭ يېڭى ئالما، شاپتۇل، ئۈزۈملىرى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودا- ساراي، تاللا بازارلىرىدىكى مال جازىلىرىغا تىزىلدى.

جىنيى گۇرۇھى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شۇلى مۇنداق دېدى: يېڭى مېۋە- چېۋىلەرنى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئېكىسپورت قىلىپ ئەتىسىلا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى بازارلاردا ساتقىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق توشۇش جەريانىدىكى تەننەرخنى تېجەپ قالالايمىز. بىز بۇ يەردىكى 1000دىن ئارتۇق دېھقان بىلەن زاكاز ئىمزالىدۇق، ئۇلار بىزنى ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىز مېۋىلەرنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئېلىپ چىقىشقا مەسئۇل بولىمىز.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنىڭ مېۋە- چىۋە، كۆكتاتلارغا بولغان ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مېۋە- چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قورغاس تاموژنىسى تاموژنىدىن ئالدىن كېلىشىپ ئۆتكۈزۈش، دەخلى قىلماسلىق شەكلىدە تەكشۈرۈش، تېز يول ئېچىپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ «يېڭى، جانلىق، تېز بولۇشى»غا كاپالەتلىك قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مىۋىلىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشنى تېخىمۇ قولايلىق سەھنە بىلەن تەمىنلىدى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى. يېڭى مېۋىلەرنى ئېكىسپورت قىلىش ئاساسىدا، جىنيى گۇرۇھى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش يولىدا مېڭىشقا باشلىدى. بۇ يىل 5- ئايدا بۇ گۇرۇھنىڭ مېۋە كونسېرۋاسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى مېۋە- چېۋە ئوشۇقچىلىقى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل بولىدۇ. جاڭ شۇلى مۇنداق دېدى: ئىلى شىنجاڭنىڭدىكى شاپتۇل چىقىدىغان ئاساسلىق رايون، بۇ يەرنىڭ شاپتۇلىنىڭ تەمى ناھايىتى تاتلىق، ئۈچ تال شاپتۇلدىنلا 425 گىراملىق شاپتۇل كونسېرۋاسى ياسىغىلى بولىدۇ، بۇ تۈرنىڭ يىللىق مېۋە كونسېرۋا ئىشلەش ئىقتىدارى 5250 توننا بولۇپ، تەخمىنە 1000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە زامانىۋى پەن- تېخنىكىنىڭ كاپالىتى بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «يىپەك يولى تېز پويىزى» ئارقىلىق تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىدا ئۈمىد چەكسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى