قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو جياڭشىنىڭ داماۋشەن تېغىدىكى خىيالىي «چۆچەك كەنتى»

2018-06-12 12:37:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كالىغا مىنىپ يېزا يولىدا كېتىۋاتقان ئىككى بالا، چەكسىز كەتكەن شاللىقنىڭ ئالدىدا تەرىنى سۈرتىۋاتقان دېھقانلار، سېۋىتىنى يۈدكىنىچە چايزارلىقتا چاي ئۈزىۋاتقان ھەدە- سىڭىللار، يېشىل ئېتىزلىق بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان رەڭگارەڭ ئۆيلەر...

بۇلار تەبىئىي مەنزىرە بولماستىن، بەلكى جانلىق ستورولۇق تام رەسىملىرى. ستورولۇق تام رەسىملەرگە چوڭ شەھەرلەردە ھىچكىم ھەيران قالمايدۇ، ئەمما تاغ - دەريالار بىلەن ئورالغان كىچىك تاغلىق كەنتتە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالاھىدە قاماشتۇرىدۇ.

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېشىڭ شەھىرى داماۋشەن تېغى يىل بويى تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تاغ ئېتىكىدىكى خۇاڭجۇشەن كەنتىگە سىرلىق تۈس بەرگەن. كەنت ئېغىزىدىكى سۈڭگۈچتىن ئۆتۈپ كەنتكە كىرگەندە، پۈتۈن كەنتنى قاپلىغان چىرايلىق رەڭلەر، ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلغان پەلەمپەي ئېتىزلار، كەنتنى كېسىپ ئۆتىدىغان سۈزۈك بۇلاق سۈيى خۇددى گۈزەل بالىلار چۆچەكلىرى دۇنياسىدەك تەسىر بېرىدۇ.

خۇاڭجۇشەن كەنتى تاغ بويلاپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى تاغ باغرىغا جايلاشقان. قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، يېشىل، كۆك، بىنەپشە... ھەربىر ئۆينىڭ ئۆزىگە خاس رەڭگى بولۇپ، ھەربىر ئۆيدە بىر «بالىلار چۆچەكلىرى» سۆزلىنىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ.

كەنت ئاھالىسى يې چىنفاڭنىڭ ئۆيىنىڭ سۇس يېشىل رەڭلىك سىرتقى تېمىغا سۇ ئويناۋاتقان بەش ئۆردەكنىڭ ستورولۇق تام رەسىمى سىزىلغان، ئۇنىڭ بىرى كىشىلەرگە قاش- كۆزلىرىنى ئوينىتىۋاتقاندەك قىلاتتى؛ ۋاڭ زىفاڭ ئائىلىسىنىڭ ئاشخانىسى غايەت زور ھەرە كۆنىكى شەكلىدە بېزەلگەن بولۇپ، ئاساسىي ئۆي تېمىدا تولۇق جابدۇنۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئېگىزلىكى 7 مېتىر كېلىدىغان بىر ھەسەلچىنىڭ رەسىمى بار؛ لى سۇڭخۇانىڭ ئۆيىدىكى پەلەمپەي ئۈستىدە دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىز يۈزىدە شۇڭغىۋاتقان بىر دېلفىننىڭ كۆرۈنۈشى بار....

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇ يۆفاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، رەڭلىك گۈللەرنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ئۆينىڭ سىرتقى تېمىدا رەڭگارەڭ سۇ مەنزىرىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۇنى ستورولۇق رەڭلىك سىزمىلار بىلەن بىرلەشتۈردۇق.

بۇنىڭ بىلەن كەنتنىڭ «رەڭ قىممىتى ۋە گۈزەللىكى» زور دەرىجىدە ئېشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچى شۈ جۈنيۈ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، بۇ رەڭلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئالايىتەن كۆرگىلى كەلدىم، ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىكەن! كىشىلەر ئىختىيارسىز تام رەسىمدىكى ھايۋانلار ۋە شەخسلەر بىلەن رەسىمگە چۈشتى.»

دې شىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې شۇلىن مۇنداق دېدى: شەھەرلىك ھۆكۈمەت داماۋشەن مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا كەنتنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى مەخسۇس ھاۋالە قىلىپ، كەسپىي رەسساملار ئەترىتىنى تەكلىپ قىلىپ، پۈتكۈل كەنتكە ستورولۇق تام رەسىملىرىنى سىزدۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەنتتە ئوبوروت قىلىنغان يەردىن پايدىلىنىپ تۆت پەسىل گۈل- چېچەك ئۆستۈرۈپ، كەنتنىڭ سەيلى- ساياھەت پىيادە يولى، ساياھەتچىلەر مەركىزى، قەدىمىي تىياتىر سۇپىسى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ھازىر پۈتكۈل خۇاڭجۇشەن كەنتى رەڭدار «بالىلار چۆچىكى» دۇنياسى تۈسىگە كىردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى