قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ

2018-06-12 12:40:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر ئادەمنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلى باغچىدا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈپ چىملىقنى بۇزۇۋېتىپتۇ، باشقۇرغۇچى كۆرۈپ قېلىپ ئۇ ئادەمنى بالىسىنى بەكرەك چىڭ تۇتۇشنى تاپىلاپتۇ. بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئادەمنىڭ بالىسى يەنە چىملىقتا يۈگۈرۈپ ئويناپ، چىملىقنى يەنە بۇزۇۋېتىپتۇ. باشقۇرغۇچى خادىم يەنە كۆرۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال كۈلۈپ تۇرۇپ:« مەن خاتا قىلدىم، كەچۈرۈڭ، بالامنى مەيلىگە قويۇۋەتتىم ، قانداق جازالىسىڭىز مەيلى» دەپتۇ.

ھېلىقى باشقۇرغۇچى ئۇ كشىگە : بۇ يەر كەڭتاشا بولغاچقا، بالىڭىزنى بىردەم بولسىمۇ ئەركىن يايرىۋالسۇن، دەپ قويۇپ بەردىڭىز شۇنداقمۇ، دەپتۇ.

باشقۇرغۇچى ئۇ ئادەمنى نېمىشقا ئەپۇ قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟ چۈنكى ئۇ ئادەم ئۆز خاتالىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلغان.

سىز مەيلى قانچىلىك ئەقىللىق بۇلۇڭ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات سەپىرىڭىزدە ھەر خىل خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن يەنىلا خالى بولالمايسىز.

ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇنىڭدا مۇنداق ئىككى خىل ئىنكاس بولىدۇ. بىرى، خاتالىقىنى ھەرگىز بوينىغا ئالمايدۇ. ھەتتا ئۆزىنى جېنىنىڭ بارىچە ئاقلايدۇ. بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەملەردە بولىدىغان بىر خىل تۇغما ئىنكاس، ھەرقانداق ئادەم خاتالىقىنى بوينىغا ئالغان ھامان يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. يەنە بىر خىلى خاتالىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ.

خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقنىڭ پايدىسى شۈكى، ئۇنداق ئادەملەر خاتالىقتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. مەسئۇل بولغان تەقدىردىمۇ باشقىلارنى تەڭ سۆرەپ كىرگەچكە، مەسئۇلىيەت بىر نەچچە ئادەمگە تەڭلا يۈكلىنىدۇ، پولاتتەك ئىسپات كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ بەزىلەرنىڭ يەنىلا خاتالىقىنى قەتئىي بوينىغا ئالماي تۇرۇۋېلىشنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ. ئەگەر سىز چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز، بۇنى چوقۇم ھەممە ئادەم بىلىپ كېتىدۇ، ھەرقانچە قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئاقلىسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ.

خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆز خاتالىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشنىڭ پايدىسى بار.

- ئۆزىڭىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئوبراز تىكلىيەلىسىڭىز، باشلىقىڭىز بىلەن كەسپداشلىرىڭىز سىزدىن زوقلىنىدۇ، سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ. چۈنكى سىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالالىغاچقا، ئۇلارخاتىرجەم ھەكارىشىشنى خالايدۇ، ھەتتا سىزدىن ئۈگىنىدۇ.

- خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىشتىكى غەيرىتىڭىز ۋە ئۇنى تۈزىتىش ئىقتىداىڭىزنى چېنىقتۇرالايسىز. چۈنكى سىز بىر ئۆمۈر خاتالىقتىن خالى بولىمەن دېيەلمەيسىز. چۈنكى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزدە خاتالىقنى ئېتىراپ قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈۋالسىڭىز، كەلگۈسىدە سىزگە كۆپ پايدىسى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى