قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى

2018-06-12 21:33:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*بالىلار تۈرمۇشتا يېڭى باشلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋاقىت. يېڭى بىر يىل، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى ياكى بالىلار يېڭى ئۆگىنىش مۇھىتىغا كىرگەن ۋاقىتتا بالىلاردا بىر خىل يېڭىچە سېزىم ،يېڭىچە تەسىرات ھەم ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ پەيدا بولىدۇ. ئەنە شۇنداق پەيىتتە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قاراپ ئالغا يىتەكلىگەندە ئىشنىڭ بېشىدىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
*بالىلار ئۆز مۈۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال بولۈۋاتقان ۋاقىت. ئاتا-ئانىلار مۇبادا بالىلارنىڭ مۈۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدا ئۇلارغا قارىتا ئېنىق ،كونكىرتنى تەلەپلەرنى قويسا قانائەتلىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرشەلەيدۇ.
*ئوقۇتقۇچىسى ئائىلە زىيارىتى قىلغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئوقۇتقۇچىسىغا ئېيتىپ بىرىش بىلەن بىرگە يېتەرسىزلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىش لازىم.
*بالىلار چوڭراق سەۋەنلىك ئۆتكۈزۇپ قويغان ۋاقىت. بۇنداق ۋاقىتتا بالىلار چۇشنىشىڭىزگە، ھېسداشلىققا، ھالىغا يېتىشكە ئەڭ موھتاج بولىدۇ، دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا بالىلارنى ئىزچىل تۈردە ياخشى تەرەپكە يېتەكلىگەندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
*بالىلاردا مەلۇم شەيئىلەرگە قارىتا ئىشتىياق قوزغالغان ۋاقىت. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى پائال قوللاپ ئۈلارنى رىغبەتلەندۇرىشى، بىلىم ئىزدەش ئىشتىياقىغا تۈرتكە بولۇشى، تۈرلۇك ئاماللار بىلەن تەپەككۇرنى قوزغىتىشى لازىم.
*بالىلار چوڭراق كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋاقىت. بۇ بالىلارنى ئىنتىزامغا رىئايە قىلدىغان،كوللىكتىپ ئۈچۈن شەرەپ كەلتۇردىغان،كوللېكتىۋىزملىق كۆز قاراشقا ئىگە قىلىپ تەربىيلەشنىڭ ئاساسى.
*بالىلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقىت. بالىلار كۆپ ھاللاردا كۆڭلىدە«مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم كېرەك!»دەپ ئويلايدۇ .ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۈپ،بالىلارغا قارىتا مۇۋاپىق نىشان كۆرسىتىپ،تەلەپلەرنى قويسا،ئۇلارنىڭ بىردەملىك قىزغىنلىقىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەركەتكە ئايلاندۇرالايدۇ.
* مېھمان بولۋاتقان ۋاقت ھەم مېھمان بار ۋاقىت. ئادەتتە بالىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار كېلىدۇ.شوڭا ئۇنداق ۋاقىتتا چوڭلار بالىلارنىڭ غورۇرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشى،مېھمان ئالدىدا بالىلارنىڭ «ئەيبىنى ئاچماسلىقى»،بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھەم ئالاھىدىلىكىنى كۆپرەك سۆزلىشى،بالىلاردىن كۈتىدىغان مۇۋاپىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى