قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش ساۋاتلىرى

2018-06-12 21:45:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەزى كىشلەر تاماق يەپ بولۇپلا ياكى تاماق يەۋېتىپ چاينىڭ ئورنىدا سوغۇق ئىچىملىك ، كولا، گازلىق سۇ قاتارلىقلارنى ئىچىدۇ. بۇ ناچار ئادەت بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا زىيانلىق.
تاماق يېگەن چاغدا يېمەكلىكنىڭ غىدىقلاش تەسىرىدە ئاشقازان كۆپلەپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، سوغۇق ئىچىملىك تەركىبىدىكى كاربوناتلىق بىرىكمىلەر ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرلىشىپ كۆپلەپ كاربون تۆت ئوكسىد ھاسىل قىلىپ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئاشقازان كېسلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، تاماق يەپ بولۇپلا ياكى تاماق يەۋېتىپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك، زۆرۈر بولسا چاي ياكى قايناقسۇ ئىچىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى