قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يىمەكلىك تۇزىنىڭ ئاشخانىدىكى 10 خىل رولى

2018-06-12 21:46:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. تۇزنى بېلىق بەدىنىگە سۈرۈپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيسا بېلىق بەدىنىدىكى يېپىشقاق ماددىلارنى ئاسانلا تازىلىغىلى بۇلىدۇ.
2. ئاقلانغان يېڭى تۇرۇپنى تۇزغا چىلاپ يىگەندە بەك تەملىك، ئاچچىق ئاپلىسىنغا ئوخشاش مىۋىلەرنى تۇز بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يىسە تېخىمۇ تەملىك تېتىيدۇ.
3. كالا سۈتىگە ئازراق تۇز قۇشىۋەتسە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
4. تۇزنى قورۇپ ئاچچىقسۇغا ئارلاشتۇرسا كۆكۈرۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
5. بېلىق توغرىغاندا قولغا تۇز سۈركىۋالسا بېلىقنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئازايتىپ توغراشقا قۇلايلىق بۇلىدۇ.
6. پاكىز تازىلانغان بېلىقنى 10-15 مىنۇتقىچە تۇزغا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن قورىسا پارچىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
7. بەزى سەي-كۆكتاتلاردا كۆكپىت كۆپ بۇلۇپ يۇيۇپ تازىلاش تەس، بۇ ۋاقىتتا %2 لىك تۇزغا چىلاپ ئاندىن يۇيسا پاكىز يۇيغىلى بۇلىدۇ.
8. ھورنان خېمىرى ياخشى ئۆرلىگەندىن كېيىن سودا ئورنىغا تۇز ئىشلىتىلسە ھورنان ھەم ئاق ھەم يۇمشاق پىشىدۇ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ.
9. تۇخۇم پۇشۇرغاندا سۇغا ئازراق تۇز قۇيۇپ، پۇشۇرۇپ بۇلۇپ سۇغۇق سۇغا چىلاپ ئاندىن تۇخۇمنى سويسا تۇخۇم پوستى ئاسان ئاجرايدۇ.
10.تۇرۇپ قاتارلىق ئاچچىق تەمى بار سەيلەرنى تۇزغا چىلىغاندىن كېيىن ئاندىن قورىسا ئاچچىق تەم چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى