قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەت ئۇنچىلىرى

2018-06-12 21:46:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

* ھاياتتا كىشىگە ئەڭ ياخشى ياردەم شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ. ئۆزىنى تۇتىۋىلىش، ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇش، سۆزدە ئىھتىياتچان بولۇپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ پايدىلىق سۆزلەرنى قىلىش، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك.
*ھەر كۈنى باشقىلارنى سەمىمىي ھالدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ماختاپ قويۇڭ. باشقىلارغا رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇماڭ. باشقىلارغا ئارتۇقچە كايىماڭ، تەنبىھ بەرمەڭ. ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىڭ.
*ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ناخشىسى بولىدۇ. دوستۇم، قېنى زەن قويۇپ تىڭشاپ بېقىڭ ! شۇندىلا ئىنساننىڭ ئۈمىدۋارلىققا، جەڭگىۋارلىققا، سەمىمىيەتكە، سۆيگۈ- مۇھەببەتكە تولغان ناخشىسىنى ئاڭلىيالايسىز.
* ئادەم ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر بەخت. ھاياتتىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئەجىر مېھنەت قىلىپ تىرىشقاندىلا، ھەقىقىي بەختنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدۇ.
* ھاياتلىق ئالىمىدە بەختكە ئىنتىلمەيدىغان ئىنسان يوق. بەخت كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ ۋىسال دىلبىرىدۇر. كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشى، جاپاغا چىداپ ئالغا ئىنتىلىشىمۇ بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.
*ياخشى ئىش قىلغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتى جۇشقۇن، خۇشال بولىدۇ ، يەنە ئادەمنىڭ ئىمۇنىتېت سېستىمىسمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئىجىل- ئىناق ئۆتسە تۇرمۇش خاتىرجەم، كۆڭۈل توق تۇرىدۇ. بۇ سالامەتلىك ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئەلۋەتتە. شۇڭا ئىتتىپاقلىق كۈچ، غەلبە، خۇشاللىق دەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى