قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئائىت ساۋات

2018-06-12 21:59:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال يۆنىلىشىنى ئۈستىگە قارىتىپ ئاچقاندا تېخىمۇ سوغۇق شامال چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال يۆنىلىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئانچە ماھىر ئەمەس. ئادەتتە سوغۇق ھاۋا ئاستىغا چۈشىدۇ، ئىسسىق ھاۋا ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال يۆنىلىشىنى ئۈستىگە قارىتىپ ئاچقاندا، سوغۇق ھاۋا ئۈستىدىن ئاستىغا تەكرار چۈشۈپ ئايلىنىدۇ.
@ ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىردەم ئېچىپ بىردەم ئېتىۋەتكەندە توك ئەڭ كۆپ خورايدۇ.
ھاۋا تەڭشىگۈچنى تولا ئېچىپ- ئەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئالدى بىلەن ئەڭ سوغۇق ھالەتكە تەڭشەپ، ئەڭ تېز ھالەتتە تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يېتىمىز. تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق ھالەتتە تەڭشەلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا، تۆۋەن ھالەتكە تەڭشەش ئارقىلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلەتسەك بولىدۇ.
@ تىنجىق ھاۋادا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ نەملىكنى يوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئېچىش كېرەك.
بەزىدە ھاۋا تىنجىق بولۇپ كەتكەندە، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ «نەملىكنى يوقۇتۇش» ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لازىم. ئۆي ئىچىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەندە، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىمىسىمۇ بولىدۇ.
@ ئالدى بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئاندىن دېرىزىنى ئېتىش كېرەك.
ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئاندىن دېرىزىنى ئېتىش لازىم. ھاۋا تەڭشىگۈچنى دەسلەپتە ئاچقاندا ھاۋا تەڭشىگۈچتىكى بۇلغىما ماددىلار قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇلغىما ماددىلار قويۇپ بېرىلىپ ھاۋا ئالمىشىپ بولغاندىن كېيىن دېرىزىنى ئېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا زىققا قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
@ ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ئۈچ سائەتكىچە ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرمىغاندا، ئۆي ئىچى ھاۋاسى بۇلغىنىشقا باشلايدۇ، ئالتە سائەت دېرىزىنى ئاچمىغاندا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ھاۋانى ياخشىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 11 گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 4 كىچە ياكى كەچ سائەت 7 دىن 10 غىچە ئالماشتۇرۇش كېرەك.
@ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ياخشىسى1مېتىر 70سانتېمېتىر ئېگىزلىككە ئورنىتىش كېرەك
ئادەتتە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال كىرىش ئېغىزى ئۈستۈنكى يېرىم قىسمىدا، شامال چىقىرىش ئېغىزى ئاستىنقى يېرىم قىسمىدا بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنى بەك ئېگىز ئورنىتىپ قويغاندا، سوغۇق ھاۋا ئۆينىڭ ئاستىغا چۈشۈپ بولالماي تۇرۇپلا ھاۋا تەڭشىگۈچ تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ-دە، ئىسسىق-سوغۇق ھاۋا يېتەرلىك ئالماشتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ھاۋا تەڭشىگۈچنى 1مېتىر 70سانتېمېتىر ئېگىزلىككە ئورناتسا ئەڭ مۇۋاپىق.
@ ھاۋا تەڭشىگۈچنى 26 گرادۇسقا تەڭشىسە ئەڭ مۇۋاپىق
ھاۋا تەڭشىگۈچنى 26 گرادۇسقا تەڭشىسە ئاسان كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 26 گرادۇسلۇق تېمپېراتۇرا سالقىن ھەم راھەت تۇيغۇ بېرىپلا قالماي، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچنى بۇ ھالەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئېچىۋېتىشكە ماس كېلىدۇ.
@ يۇقىرى قان بېسىمى بارلار ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بەك تۆۋەن تەڭشىمەسلىكى كېرەك
بەزى كىشىلەر ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى ئۆيگە كىرىپلا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋېتىدۇ. بەدەن بىردەم ئىسسىق، بىردەم سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا قان تومۇرلار تارىيىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىم ئۆرلەيدۇ. بولۇپمۇ، يۇقىرى قان بېسىمى بارلار، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بەك تۆۋەنگە تەڭشىمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسىلى قوزغىلىدۇ.
@ يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئايدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك
ئەگەر ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تازىلىمىغاندا، ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللىك باكتېرىيەلەر يىغىلىپ قالىدۇ، شۇڭا يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئايدا بىر قېتىم تازىلاش كېرەك. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ يۈزلۈك تاختىسى بىلەن سۈزگۈچ تورىنى تازىلىغاندىن سىرت، يەنە مەخسۇس ھاۋا تەڭشىگۈچنى دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى بىلەن دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى