قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىنى» ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلاش كېرەك

2018-06-12 21:59:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

@ ھازىر كىشىلەر كومپيۇتېرنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، كۇنۇپكا يېرىقلىرىغا دائىم ئۇششاق ئەخلەتلەر توشۇۋالىدۇ. بىر دوختۇرخانىنىڭ بايقىشىچە، دورىغا چىداملىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدا 24 سائەت تۇرۇپ قالىدىكەن. بىر دوختۇرخانا 100 كۇنۇپكا تاختىسىغا قارىتا تەجرىبە ئىشلىگەندىن كېيىن 95 كۇنۇپكا تاختىسىدا زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى ۋە باشقا قوزغاتقۇچى بارلىقىنى ئۆلچەپ چىققان ھەمدە ئۇلارنى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى ئەڭ مەينەت جىسىم، دەپ قارىغان.
@ مۇتەخەسسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىشخانىدىكى ئۈستەل ۋە كومپيۇتېر تاختىسىنى ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم تازىلاش زۆرۈر ئىكەن. ئۇلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: كىشىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ھەم كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك. بولۇپمۇ يۇقۇملۇق زۇكام پەسلىدە چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك. ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان مەخسۇس كومپيۇتېردىكى باكتېرىيەلەر بولسا سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ. گەرچە ئۇلار سالامەتلىككە زىيانلىق بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا قولىڭىزنى دائىم يۇيۇپ بېرىڭ. كۇنۇپكا تاختىڭىز پاكىز بولسۇن.
@ كۇنۇپكا تاختىڭىزنى تازىلىغاندا كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ، توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىڭ. ئاندىن شامالدۇرغۇچ بىلەن كۇنۇپكا ئارىلىقىغا كىرىۋالغان ئۇششاق ئەخلەتلەرنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىڭ. تازىلاش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: سۇ بىلەن ئىسپرت مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇلغان سۇيۇقلۇققا تالا رەختنى چىلاپ كۇنۇپكا تاختىسىنى سۈرتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئىسپرتقا چىلانغان پەلتىكۈچ بىلەن كۇنۇپكا ئارىلىقلىرىنى تازىلىسىمۇ بولىدۇ.
@ يان تېلېفوننى چوقۇم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. يان تېلېفوندا ئادەتتە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە زەنجىرسىمان شار باكتېرىيەسى بولۇپ، كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيەگە ئوخشاش ئاسانلا گىرەلەشمە تارقىلىدۇ. شۇڭا، كۈندە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئىسپرتقا چىلانغان پاختا بىلەن يان تېلېفوننى پاكىز سۈرتۈش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى