قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇستارتقۇ، گاز ئوچاق قاتارلىق ئاشخانا بۇيۇملىرىنى تازىلاش ئۇسۇلى

2018-06-12 22:00:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

@ ئاشخانىنى تازىلاش بىر قىيىن ئىش، ئەمما تازىلاش ئەڭ قىيىن ھەم ئەڭ مەينەت بولغىنى يەنىلا بۇستارتقۇ. تۆۋەندە بۇستارتقۇ قاتارلىق ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرىنى تازىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
@ بۇستارتقۇ تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
بىر كىچىك ئىستاكانغا ئاق ھاراق قۇيۇۋېلىپ، ھاراققا يەنە ئاز مىقداردا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە يېرىم ئىستاكان سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇۋەتسەكلا، بۇستارتقۇنى تازىلاش سۇيۇقلۇقى تەييار بولغان بولىدۇ. بۇستارتقۇ تازىلىغۇچنى سۇ پۈركۈگۈچكە قاچىلاپ بۇستارتقۇغا چېچىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋەتسەكلا بولىدۇ.
@ گاز ئوچاق تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
گاز ئوچاقمۇ ئاشخانىدىكى ئاسان مايلىشىپ كېتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرى، گەرچە ھەر قېتىم تاماقتىن كېيىن تازىلاپ تۇرسىمۇ يەنىلا ماي قالدۇقلىرى قالىدۇ. يىللاردىن بىرى كۆپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان يېمەكلىك سوداسى بىلەن ئاق ئاچچىقسۇ ئارقىلىق گاز ئوچاقتىكى ماينى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. گاز ئوچاقتىكى مايلىشىپ قالغان ئورۇنغا ئاز مىقداردا يېمەكلىك سوداسىنى، ئارقىدىن ئاق ئاچچىقسۇنى چېچىپ، بەش مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن سىم يۇيغۇچ بىلەن كۈچەپ تەكرار سۈرتكەندە، ماي ۋە كىرلار چىقىپ كېتىدۇ.
@ قاچا يۇيۇش كۆلچىكى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش سۇيۇقلۇقى
ئاشخانا ئۆيدىكى قاچا يۇيۇش كۆلچىكى يولى گاھىدا توسۇلۇپ قېلىپ، سۇنى قويۇپ بېرىشكە ئامالسىز قالىمىز. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا سودا بىلەن تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ قاچا يۇيۇش كۆلچىكىگە تۆكۈپ، ئارقىدىن ئاق ئاچچىقسۇنى قىزىتىپ تۆكۈپ ئەڭ ئاخىرىدا قايناق سۇنى تۆككەندە توسۇلۇپ قالغان قاچا يۇيۇش كۆلچىكى يولى راۋانلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنە سىم يۇيغۇچ بىلەن مەينەت بولۇپ كەتكەن ئورۇننى كۈچەپ سۈرتكەندە، كىرلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى