قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 گۇاڭشى ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى جۇ شىئاڭ

2018-06-13 19:13:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ شىئاڭ 1887- يىلى 4- ئايدا گۇاڭشىنىڭ يۈلىن شەھىرى بوبەي ناھىيەسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1907- يىلى گۇاڭدۇڭ ئالىي سانائەت مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە، بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى ئىدىيەسىنىڭ تاۋلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، جۇ شىئاڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، يوشۇرۇن ھالدا ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ، مەشھۇر خۇاڭخۇاگاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.

1912- يىلى، جۇشىئاڭ گۇاڭدۇڭ ئالىي سانائەت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ گۇاڭشىغا قايتىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يۈلىن 5- تەلىم- تەربىيە تۇەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يۈلىن 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، 1924- يىلى جۇ شىئاڭ ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق جايلاردا مائارىپ ئىشلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن. ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئەزالىرى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ماركىسزمنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. 1925- يىلنىڭ بېشىدا، جۇ شىئاڭ يۈن دەييىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان.

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ مائارىپ ساھەسىدىكى پايدىلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ۋۇخەن، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ، پارتىيە ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلغان. كېيىن پارتىيەنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن يۈلىنگە قايتىپ، پارتىزانلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماركسىزم- لېنىنىزمنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى يېتىشتۈرگەن. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭشى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭشى ۋاقىتلىق ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولغان. ئۇ يۈلىن رايونىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

1926- يىلى ئەتىيازدا، جۇ شىئاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۈلىن ناھىيەسىدىكى تۇنجى يەرلىك ياچېيكىسى ـــــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈلىن ناھىيەلىك پارتىيە ياچېيكىسىنى قۇرۇپ، ياچېيكا شۇجىسى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، جۇ شىئاڭ شاڭخەي، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا پارتىيە پائالىيىتى بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1927- يىلى قىشتا، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1928- يىلى، جۇ شىئاڭ گۇاڭشىغا قايتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، گۇاڭشىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.

1929- يىلى 6- ئاينىڭ باشلىرىدا، جۇ شىئاڭ قاتارلىقلار يۈلىن ناھىيەسىنىڭ شىنچياۋ رۇڭمۇگېن كەنتىدە قوراللىق قوزغىلاڭ پىلانلاۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن گومىنداڭ ھەربىي- ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ئۇ يولداشلارنى ھىمايە قىلىپ چېكىندۈرگەندىن كېيىن بەختكە قارشى قولغا ئېلىغان. 1929- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە، گومىنداڭ دائىرىلىرى يۈلىن ناھىيە بازىرى سىرتىدىكى تاشيول بويىدىكى ياۋا ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا، جۇ شىئاڭنى مەخپىي ئېتىۋەتكەن. مانا بۇ يۈلىننى زىلزىلىگە سالغان «ياۋا ئەنجۈر يىلتىزى ۋەقەسى» بولۇپ، جۇ شىئاڭ شۇ يىلى 42 ياشقا كىرگەنىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى