قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 لى چاۋلەننىڭ كۆرەش ھىكايىسى

2018-06-13 19:14:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

ئۇ يەر تېرىغان، يول سۈپۈرگەن، شاگىرت ئىشچى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ «لەنجۈن» ئاپتوموبىل بېزەكچىلىك بويۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى. لى چاۋلەننى پىششىق بىلىدىغانلار ئۇنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا يۇلۇققاندا ئۈن- تىنسىز كۈرەش قىلىش روھىغا تۇلىمۇ قايىل.

لى چاۋلەن سىچۈەندىكى بىر كىچىك كەنتتە تۇغۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، كورلا شەھىرىگە تۇغقان ئىزدەپ كەلگەن. لى چاۋلەن بۇ شەھەرگە كەلگەندە ئىشنى كوچا سۈپۈرۈشتىن باشلىدى، كېيىن تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى ھەم ئىشلەمچىلىك قىلدى. 1991- يىلى، كوچىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدا ئىگىلىك تىكلەش ئويى پەيدا بولدى. ئۇ يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ بىر ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ئورنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم مېنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشىمنى ياقتۇرمىدى. ئۇلار ماڭا، ئايال كىشى تۇرۇپ بۇ ئىشنى قىلسىڭىز پۇشايمان قىلىپ قالىسىز، دېيىشتى.

ئەينى ۋاقىتتا، لى چاۋلەندە مەبلەغ كەمچىل ئىدى، ياللانما ئىشچىلارنىڭ خىراجىتى يۇقىرى بولغاچقا ئۇ ھەم خوجايىن، ھەم رېمونتچى بولۇپ، ئۈستى- بېشىدىن ماي پۇرىقى كەتمىدى. گەرچە ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ جاپالىق ئىشلىسىمۇ، ئەمما رېمونتخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى كاساتلىشىپ، ئاخىرى تاقىلىپ قالدى. ئەمما، لى چاۋلەن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. 1997- يىلى ئۇ يەنە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئازراق پۇل قەرز ئېلىپ، 30 كۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئاپتوموبىل بۇيۇملىرى سودىسى قىلدى. لى چاۋلەن مۇنداق دېدى: مەن تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ مەغلۇپ بولۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى يەكۈنلىدىم، ئۆزۈمنىڭ تېخنىكىسى يېتەرلىك بولمىغان، باشقۇرۇش تەجرىبەممۇ يوق ئىكەن. شۇڭا، بۇ جەھەتتە تىرىشىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

لى چاۋلەن يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىشكە بەل باغلىدى. باشقا رېمونتخانىلارغا بېرىپ ئاپتوموبىلنى تېز رېمونت قىلىش، بىزەش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگەنگەندىن باشقا، يەنە ھەر خىل كەسپىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا تىرىشىپ ئۆگەندى. گەرچە جاپالىق كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۈرەش قىلىش يولى يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئۇ بىر مەزگىل تىركىشىپ باققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاپتوموبىل بويۇملىرى تىجارىتى زىيانغا ئۇچراپ دۇكىنى تاقىلىپ قالدى.

لى چاۋلەن قايتا- قايتا مەغلۇپ بولسىمۇ لېكىن كۈرەش قىلىپ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىغا ئىشەنمىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم كۈرەش قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى. 2013- يىلى، لى چاۋلەن كۆلىمى مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان دۇكان سېتىۋېلىپ، 50 نەچچە ئىشچى قوبۇل قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئىككى شىركىتى بار، يەنە 20 مو يەردە زاۋۇتى بار. ئۇ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل بەخت» دېدى. ھازىر مېنىڭ چوڭقۇر ھېس قىلغىنىم بەخت ئەسلىدە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىكەن، مېنىڭچە، مەن روھى ئەڭ باي ئادەم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى