قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئورمان ئېكولوگىيە باقمىچىلىقى دېھقانلارنىڭ بىيىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-06-13 19:23:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، بورتالا شەھىرىدىكى شىبېي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى جيا شياڭخۇڭ شويىڭپەن بازىرى داڭغارتبۇلاق كەنتىدىكى ئورمانلىق ئىچىدە توخۇ بېقىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

2016- يىلى، جيا شياڭخۇڭ داڭغارتبۇلاق كەنتىدىكى تۆت كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىشىپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كوپىراتىپ 40 نەچچە مو ئورمانلىقنى قاشالاپ، بىر نەچچە توخۇ كاتىكى ياساپ، ئوت- چۆپ تېرىش ئارقىلىق توخۇ بېقىشنى باشلىدى. نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان قارا سۆڭەكلىك توخۇنىڭ سانى 5 مىڭغا، ئۇنىڭدىن قىلىنغان يىللىق ساپ كىرىم 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئورمان ئىقتىسادى بىر تۈرلۈك يېڭى كەسىپ. ئۇ ئارقىلىق يەر بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئورمانلىقنىڭ سالقىن بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ستېرېئولۇق بىرىكمە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئېلىپ بېرىپ، جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەۋزەللىك جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، ئايلانما تەرەققىي قىلىپ ھەم مۇقىم ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئورمان جانلىقلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچقىلى بولىدۇ.

ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنىڭ پايدىسى توغرىلۇق گەپ بولغاندا، جيا شياڭخۇڭ مۇنداق دېدى: ئورمانلىقتا مۇھىت ياخشى، پائالىيەت بوشلۇقى چوڭ، توخۇلار ھەم يۈگۈرۈپ ھەم سەكرەپ ئەركىن پائالىيەت قىلالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. توخۇنىڭ يەيدىغىنى بولسا ئورمانلىقتىكى زىيانداش قۇرتلار، ئوت- چۆپ ئۇرۇقى، دەرەخ يوپۇرمىقى بولۇپ، بېقىش تەننەرخىنى تېجەپ بېرىدۇ، توخۇ مايىقى يەنە ئورمانلىقنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. نۆۋەتتە، تەبىئىي، بۇلغانمىغان قارا سۆڭەكلىك توخۇ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى