قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ شال ئېتىزلىقىدىكى 30 مىڭ قىسقۇچپاقا يېڭىچە مەنزىرە ھاسىل قىلدى

2018-06-13 19:24:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارالجىن كەنتىدىكى شال ئېتىزلىقىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى. يەنى قىسقۇچپاقىلار شال ئېتىزلىقىدا ئەركىن- ئازادە ئۈزۈپ يۈرىشەتتى.

«شياۋخې» سەھرا ئارامگاھىنىڭ ئايال خوجايىنى ۋاڭ يەنلىڭ بۇ يىل 3- ئايدا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىن 30 مىڭ قىسقۇچپاقا كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىسقۇچپاقا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا بەش يىل بولدى. ئىلگىرى كىچىك قىسقۇچپاقىلارنى شاڭخەيدىن سېتىۋالاتتۇق. بۇ يىل «شال بىلەن قىسقۇچپاقا بىللە ياشاش» ستېرېئولۇق تېرىقچىلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھاۋا كىلىماتى شىنجاڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن سېتىۋالغان كىچىك قىسقۇچپاقىلارنى كىرگۈزدۇق. 6- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كىچىك قىسقۇچپاقىلارنى شاللىققا قويۇپ بېرىپ، شال قىسقۇچپاقا ستېرېئولۇق باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر يەردىكى سۇنى ئىككى خىل ئىشلىتىپ، يەردىن قوش كىرىم يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. قىسقۇچپاقا شال ئېتىزى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شاللىق ئارىسىدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى ئوزوقلۇق قىلىپ، شال زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ زىيان سېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

قىسقۇچپاقا دېھقانچىلىق دورىلىرىغا ئىنتايىن سەزگۈر كىلىدۇ. قىسقۇچپاقىنىڭ ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شال ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا ھەرقانداق دېھقانچىلىق دورىسى ۋە خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ قىسقۇچپاقىنىڭ چىقىرىندىلىرى بىلەن تۇپراقنى ئورگانىك ئوغۇتلاپ، شالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ۋاڭ يەنلىڭ مۇنداق دېدى: نەچچە كۈندىن كېيىن، ھەر مو شال ئېتىزلىقىغا 600 تال قىسقۇچپاقا بالىسىنى قويۇپ بېرىمىز. بۇ يىل ھەر مو شاللىقتىكى قىسقۇچپاقا مەھسۇلات مىقدارىنى 120 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. تاۋۇز چاغىنىنىڭ ئالدى- كەينى قىسقۇچپاقىدىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. ۋاقتى كەلگەندە شال بىلەن قىسقۇچپاقا بىرلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن ئېكولوگىيەلىك ئېتىزىمىز چوقۇم نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىزگە خېلى كۆپ كىرىم ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى