قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بەختلىك تۇرمۇش ياراتقۇچى»

2018-06-13 19:24:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېزىز بولسا بىلىملىك، جۈرئەتلىك، غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان يىگىت. ئۇ، ئۆز غايىسىنىڭ تۈرتكىسدە ئادەتتىكى دېھقان يىگىتتىن بۈگۈنكى كۈندە قارادۆڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىغا ئايلاندى.

يېقىندا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى قارادۆڭ كەنتىدىكى بىر پارچە ئالقات ئېتىزلىقىدا، قىزىل ئالقاتلار پىشىپ شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇشاللىق كۈلكىلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

▲ ئېزىزنىڭ ئالقات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە قىلغان سۆزلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە كۈلكە پەيدا قىلىپ، ئالىقات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. ئېزىز مۇنداق دېدى: ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلغاندىلا، ئالقاتنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

▲ ئېزىز تەۋەككۈل يېزىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان، ئۇ تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە بىر قەدەر كۈچلۈك تەشكىللەش، پىلانلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئاۋاز كىرىشتۈرۈش، ماقالە تەھرىرلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ماھىر.

2012- يىلى، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئېزىز ۋە يېزا- كەنت ياشلىرى ئۆزلىرى ئىشلىگەن «تەۋەككۈل ساداسى» رادىئو پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ئىشلەۋاتقان شىركىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، پۈتۈن زېھنىنى «تەۋەككۈل ساداسى» پىروگراممىسى ئىشلەشكە قاراتتى. كېيىن، ئۇ يەنە «تەۋەككۈل يېزىسى ياخشمۇسىز؟» نامىدىكى مىكرو بىلوگ سۇپىسى ۋە ئۈندىدار سۇپىسىنى ئاچتى.

▲ ئېزىز مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا، غايەم ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، پەقەت ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق پۈتۈن يېزىدىكى كىشىلەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك مەن رىياسەتچىلىك قىلغان رادىئو پىروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىش ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى بىلىم ئۆگىنىش، تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، باشقا جايدا ئىشلەۋاتقان تەۋەككۈل يېزىسىدىكى ئاممىنىڭ «تەۋەككۈل يېزىسى ياخشىمۇسىز؟» مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق يۇرتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بىلىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان تەۋەككۈل يېزىسىدىن ئىبارەت بۇ ياخشى جاينى تونۇتۇش ئىدى.

▲ «كۆڭۈل قويغان ئادەمگە قىيىن ئىش يوق ئالەمدە» دېگەندەك ئېزىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق «تەۋەككۈل ساداسى» پىروگراممىسى ئاكتىپ كۈچ تارتقۇچى نام كارتىسى بولۇپ قالدى. ئەجىر يەردە قالماپتۇ دېگەندەك، ئۇ ئۆز ئەجرىگە يارىشا 7- نۆۋەتلىك «ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس»، 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار «4- ماي مېدالى»، تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

▲ 2016- يىلى، ئېزىز قارادۆڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئېزىز ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن چاغلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن چاغدا ئۆز زىممەمدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆز ۋەزىپەمنى ياخشى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

▲ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن بۇيان، ئېزىز دائىم كەنت ئاھالىلىرىغا: «ئۆگىنىش قىلىشمۇ تېرىقچىلىق قىلغانغا ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم توختاۋسىز ئۆگىنىش قىلغاندا ئاندىن ئىدىيە قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىدا بەلگىلىك يۆنىلىشكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ يۇرتداشلار ھەر ۋاقىت ئىشلەش بىلەن ئۆگىنىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، كاللىمىزنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ، يېڭىلىقلارغا ئىنتىلىپ تۇرايلى» دەپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇراتتى.

▲ قارادۆڭ كەنتىدە بىر كىچىك ئەترەت بولۇپ، بۇ ئەترەتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى چىلان ئۆستۈرۈشكە ماھىر ئىدى. ئېزىز كەنتىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دائىم كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ بۇ ئەترەتكە كېلىپ، ئۇلار بىلەن چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى جەھەتتە بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ يۆلەش ئۇسۇلىنى يولىغا قويدى. ئۇ يەنە كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى چىلان، ئالقات ئۆستۈرىلىدىغان چوڭ ئېتىزلىقلارغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بىر كىشىلىك ئارتۇق كىرىم قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى