قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 چېڭدۇ سىرچىلىق سەنئىتى

2018-06-13 19:27:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېڭدۇ سىرچىلىق سەنئىتى جۇڭگونىڭ ئەڭ قەدىمكى سىرچىلىق سەنئىتىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ سىرچىلىق سەنئىتىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇب ۋە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. سىچۈەندىن خام سىر ۋە جۇدەن كۆپ چىقىدۇ، بۇ سىرچىلىقنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، چېڭدۇ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگودىكى سىرلانغان بۇيۇملار چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى بولغان.

3 مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمى شۇ دەۋرىدىلا چېڭدۇنىڭ سىرچىلىق سەنئىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. يېغىلىق دەۋرىدە، چېڭدۇ سىرلىرى بىلەن سىرلانغان بويۇملار مەدەنىيەت ۋە سودا بۇيۇملىرى سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان. ھازىرقى ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللاردىن چېڭدۇ سىرچىلىق سەنئىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئەينى دەۋىردىكى شانلىق نەتىجىلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ھۈنەر سەنئەت ھازىر سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى چىڭياڭ رايونىدا ھىلھەم مەۋجۇت. چېڭدۇ سىرلىرى بىلەن سىرلانغان بۇيۇملارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، نەپىس، پارقىراق، كۆركەم.

2006- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، چېڭدۇ سىرچىلىق سەنئىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

چېڭدۇنىڭ سىرچىلىق سەنئىتى، بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇنقى شاڭ، جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە پەيدا بولغان. جىنشا يەنى ئالتۇن قۇم خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان سىرلانغان بۇيۇملارنىڭ پارچىلىرى ھېلىھەم پارقىراپ تۇرىدۇ، رەڭگى ئىنتايىن چىرايلىق. يېغىلىق دەۋرىدىن باشلاپ، سىچۈەندە سىرچىلىقنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولغان سىر ۋە گىل ئىشلەپچىقىرىلغاچقا، داڭلىق سىر ئەسۋابلىرىنى ياساش بازىسىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ، چېڭدۇنىڭ سىرچىلىق سەنئىتى سەۋىيەسى مەملىكەت ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، چېڭدۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق سىرلانغان ئەسۋاب- جابدۇقلارنى ياساش مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ھەمدە «جۇڭگونىڭ سىرچىلىق سەنئىتى ماكانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2000- يىلى 7- ئايدا، ئارخېئولوگلار چېڭدۇنىڭ سودا كوچىسىدا يېغىلىق دەۋرىدىكى شۇ دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خان جەمەتىنىڭ قەبرىسى بولىشى مۇمكىنچىلىكى بولغان قەبرىنى بايقىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن تاغاق، ھالقا، ئۈستەل، ئورۇندۇق قاتارلىق ئاستى قارا، ئۈستى ھەر خىل رەڭدە سىرلانغان ئەسۋاب- جابدۇقلارنى قىزىۋالدى. بۇ بويۇملارغا نەچچە مىڭ يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يېڭى ھالىتىنى ساقلىغان، ھەر بىر سىرلانغان ئەسۋاب- جابدۇقلار رەڭگارەڭ، زىننەتلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئەتىۋارلىق بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئەسۋاب- جابدۇقلارغا ئەجدىھا، قۇش قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ياسىلىشى ۋە نەقىشلىرىدىن قارىغاندا، بۇ جابدۇق- ئەسۋابلارنىڭ ياسىلىشى خۇبىي ئۆلكىسىنىڭ جىياڭلىڭ رايونىدىن قىزىۋېلىنغان يىغىلىق دەۋردىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى، ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى چۇ دۆلىتىگە مەنسۇپ سىرلىق ئەسۋاب- جابدۇقلاردىن بۇرۇن ياسالغان بولۇپ، خۇبىينىڭ داڭياڭ دېگەن يېرىدىن قېزىۋېلىنغان يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە مەنسۇپ سىرلىق ئەسۋاب- جابدۇقلارغا ئوخشايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن، شۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى؛ يەنە بىر جەھەتتىن بۇ سىرلىق ئەسۋاب- جابدبۇقلارنىڭ ياسىلىش ۋاقتى يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەززەىلىدىن بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

چېڭدۇ سىرچىلىق سەنئىتى جۇڭگونىڭ سىرچىلىق باغچىسىدا ئېچىلغان بىر گۈل. ئۇ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە دۇنياغا داڭلىق.

ھازىر چېڭدۇدا سىرلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق زاۋۇتتىن چېڭدۇ سىرلىق ئەسۋاب- جابدۇق ھۈنەر- سەنئەت زاۋۇتى؛ ئاساسلىق مەھسۇلاتلاردىن سىرلىق جابدۇقلار، سىرلىق قۇتا، تەقلىدىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، سىرلىق سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان چېڭدۇنىڭ سىرلانغان بۇيۇملىرى كۆپ قېتىم دۆلەت سوغىسى سۈپىتىدە، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە دوستلارغا سوۋغا قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا نامى چىقىپ، «شەرقنىڭ سەنئەت گۆھىرى» دەپ تەرىپلەندى. چېڭدۇ سىرچىلىق سەنئىتى دۆلەت گۆھىرى سۈپىتىدە بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ سىچۈەن كۆرگەزمە زالىغا تىزىلدى، نۇرغۇن قىممەتلىك بۇيۇملار جۇڭگو گۈزەل- سەنئەت سارىيىدا ساقلانماقتا.

ھازىر، ماتېرىيال تېپىش، ئۈسكىنە سېتىۋېلىش تەس بولغاچقا، چېڭدۇنىڭ سىرچىلىق سەنئىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئىشلىتىلىدىغان سىر چوقۇم سىر دەرىخىدىن ئېلىنغان تەبىئىي خام سىر بولغاچقا، قەدىمكى زاماندا پادىشاھ، بايلارنىڭ مەخسۇس سىر دەرىخى باغچىسى بار ئىدى. بىراق، ھازىر سىر دەرىخىنى تاپماق بارغانسېرى تەس بولۇپ كەتتى. سىچۈەن ئۆلكىسىدە مەخسۇس سىر دەرىخى باغچىسى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئىپتىدائىي سىر دەرىخى ئۈزلۈكسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. چېڭدۇ سىرلىق ئەسۋاب- جابدۇقلار ھۈنەر- سەنئىتى زاۋۇتىنىڭ خارابلىشىشى، سىرلىق ئەسۋاب- جابدۇق ياساشقا كېرەكلىك سايمانلارنى تېپىشنىڭ تەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇنى پەقەت قول بىلەنلا ياساشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالدى.

ئەنئەنىۋى سىرلىق ئەسۋاب- جابدۇقلار قول بىلەن ياساش ۋە سەنئەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى ماشىنا ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ. ئۇنى پەقەت قول بىلەن ئىشلەپچىقرىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھۈنەر سەنئەتكە ئاغراكى تارقىتىش ئۇسۇلى بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان چېڭدۇ سىرچىلىق سەنئىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش خىرىسىغا دۇچ كەلدى. سىرلىق ئەسۋاب- جابدۇقلار بازىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئۇنى ياسايدىغانلارنىڭ ئىز باسارلىرى يوق بۇلۇش سەۋەبلىك، نۇرغۇن ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت شەكلى ئۆزگىرىشكە ۋە يوقىلىپ كېتىشكە باشلىدى. شۇڭا، تېزدىن زۆرۈر بولغان قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ قەدىمىي قول ھۈنەر سەنئىتىنى قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى