قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لىجياڭ

2018-06-13 19:28:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لىجياڭ قەدىمى شەھىرىنى مەملىكەت بويىچە ئەڭ داڭلىق قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قەدىمى شەھەر 1997- يىلىلا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغىمۇ 21 يىل بولۇپ قالدى. باشقا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى شەھىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى مەملىكەت بويىچە پۈتۈن قەدىمى شەھىرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن ئىككى شەھەرنىڭ بىرسى، يەنە بىر قەدىمى شەھەر بولسا سەنشىنىڭ پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرى.

لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 700 نەچچە يىل بولدى. قەدىمى شەھەردە سېپىل بولمىغاچقا، شەھەر ئىچىدىكى يوللار ئەگرى- بۈگرى سۇزۇلغان. لىجياڭ قەدىمى شەھىرى دايەنگۇ بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساياھەتچى شۈ شياكې «يۈننەن ساياھىتى خاتىرىسى» دە ئەينى چاغدىكى لىجياڭ شەھىرىنى «بۇ يەردە خۇسۇسىي ئۆيلەر ناھايىتى كۆپ» دەپ يازغان. قەدىمىي شەھەرنىڭ يول يۈزى چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تاشلاردىن ياسالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر كۆپ قىسىم تاشلارنى دەسسەپ سىلىقلىتىۋەتكەن، بولۇپمۇ يامغۇردىن كېيىن يول ماڭغاندا قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. يول بويىدا دۇكانلار بار بولۇپ، بۇ سودا خاراكتېرى كۈچلۈك قەدىمىي شەھەر.

بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ سەھىرى ئىنتايىن جىمجىت، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن كىيىن، كوچىدا ئاندىن ئادەم پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قەدىمىي شەھەرنى ئايلانسىڭىز، ئىشىكى ئېچىلغان دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ناشتىلىق دۇكىنى ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز.

لىجياڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2 مىڭ 400 مېتىر ئېگىز. بۇ يەردە قىشتا قاتتىق سوغۇق، يازدا تومۇز ئىسسىقمۇ بولمايدۇ، بىر يىلنىڭ تۆتلا پەسلىدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ. يازدا ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. قەدىمىي شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇسلۇبى بىردەك بولۇپ، قەدىمىي تۈس ئالغان، بارلىق زامانىۋى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى شەھەر سىرتىدا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىمۇ قەدىمىي شەھەر ئىچىدە ماڭمايدۇ، بازار ئايلانغاندا پۈتۈنلەي پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ھويلا- ئاراملاردا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ. قەدىمىي شەھەرنىڭ شىمالىدىكى خېيلۇڭتەندىن سۇ ئىتىلىپ چىقىپ، ئاستا- ئاستا لىجياڭ قەدىمكى شەھىرىگە ئاقىدۇ، قەدىمى شەھەرنىڭ سۇ سىستېمىسى مۇرەككەپ، سۈيى سۈزۈك بولۇپ، خۇددى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇلۇق رايونلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

لىجياڭ شەھىرىمۇ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى، خەنزۇلاردىن باشقا، جەمئىي 22 ئاز سانلىق مىللەت ئولتىراقلاشقان. ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول، لىجياڭ قەدىمى شەھىرى، يۈلۇڭ قارلىق تېغى، خۇتىياۋشيا، لاۋجۈنشەن، شۇخې قەدىمىي بازىرى قاتارلىق 104 داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بار. بۇ قەدىمى شەھەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «جۇڭگودىكى ساياھەت رىقابەت كۈچى كۈچلۈك 100 شەھەر»، «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئىستىراھەت شەھىرى»، «جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى»، «جۇڭگودىكى ئون چوڭ جەلپكار شەھەر» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

لىجاڭغا بارغاندا نەلەرنى كۆرۈپ، قانداق ئويناش كېرەك؟

بۈگۈنكى لىجياڭ قەدىمى شەھىرىدە 15 مەدەنىيەت ھويلىسى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئوخشىمىغان ھېس تۇيغۇلارغا ئېرىشەلەيدۇ. كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ چىقسىڭىز ئازدۇر- كۆپتۇر ئۆزىگە خاس گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرىسىز. ناشى مىللىتى بۇ يەردە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە دۇڭبا مەدەنىيىتى، ئۆزىنىڭ يېزىقى، گۈزەل كىيىم- كېچەكلىرى ۋە مۇزىكىلىرى بار. بۇلارمۇ سىزنىڭ بىر كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. بۇ بىر كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان قەدىمى شەھەر، بۇ قەدىمىي شەھەردە ماڭسىڭىز ھەممىلا كوچىلاردا دۇمباقلارنىڭ ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇرىسىز، كوچا بويلىردىكى گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇراپ، بىلىپ- بىلمەي لىجياڭدا بىر نەچچە كۈن كۆپرەك تۇرۇپ قىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەمدى بىز لىجياڭدىكى كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

شۇخې قەدىمىي بازىرى:

شۇخې قەدىمىي بازىرى لىجياڭدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئۇ لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى، يۈلۇڭ قارلىق تېغى، لۇجۇ كۆلى، چاڭجياڭ بىرىنچى قولتۇقى ۋە سەنجاڭ مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىدىغان تۈگۈن. لىجياڭ قەدىمى شەھىرىدىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ، جۇڭجىخەينىڭ شەرقىدىكى چوڭ يولنى بويلاپ تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، بىر كەنتكە يېتىپ كېلىسىز، مانا بۇ سۈزۈك بۇلاق يۇرتى دەپ ئاتالغان شۇخې قەدىمىي بازىرى. شۇ خې ناشى مىللىتى ئەجدادلىرىنىڭ لىجياڭ توسمىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ماكانلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قەدىمىي چاما قەدىمىي يولىدا مۇكەممەل ساقلانغان مۇھىم بازار. شۈخې قەدىمىي بازىرى چوڭ يەنگۇ بازىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ ئاددىي، بۇ يەردىكى كۈمۈش بېزەك، كىيىم- كېچەك، قەدىمىي مىس قوڭغۇراق قاتارلىقلارنىڭ باھاسى لىجياڭدىكىدىن كۆپ ئەرزان.

چوڭ ئاسما يولى:

گەنخەيزى قارلىق كەنتىدىن غەربكە قاراپ تەخمىنەن بەش كىلومېتىر ماڭسىڭىز، قارلىق تاغ ئېتىكىگە يېتىپ كېلىسىز، بۇ قارلىق تاغدىكى چوڭ ئاسما يولنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بۇ يەردەر قويۇق ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار، بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن 3 مىڭ 356 مېتىر ئېگىز. چوڭ ئاسما يول مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ، قارلىق تېغىنىڭ ئاساسىي چوققىسى يەلپۈگۈچ چوقىسىغا تۇتىشىدۇ. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4 مىڭ 506 مېتىر. چوڭ ئاسما يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ 914 مېتىر بولۇپ، تىك ئېگىزلىك پەرقى 1 مىڭ 150 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئېلىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ساياھەتچى توشۇش ئاسما يولىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر چوڭ ئاسما يولنى كۆرۈشنى كۆزلەپ بۇ يەرگە كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىردىنبىر يۈلۇڭ قارلىق تېغى چوقىسىغا چىققىلى بولىدىغان ئاسما يول. شۇڭا، ئۇنىڭ سودىسى داۋاملىق ئاۋات.

دۇڭبا جىلغىسى:

دۇڭبا جىلغىسى يۈننەن يۈلۇڭ قارلىق تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، لىجياڭغا قوشنا قەدىمىي شەھەر، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى داڭلىق مەدەنىيەت خارابىلىرىنىڭ بىرى. دوڭباجىلغىسى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە دۇڭبا مەدەنىيىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. دۇڭبا يېزىقى «دۇنيادىكى بىردىنبىر تىرىك تەسۋىرى يېزىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇڭبا يېزىقىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەر جۇڭگو ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكىغا كەڭ تارقالغان.

لەنيۆگۇ جىلغىسى:

لەنيۆگۇ جىلغىسى يۈلۇڭ قارلىق تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يۈلۇڭ قارلىق تېغى بىلەن ئوخشاش مەنزىرە رايونىغا تەۋە. قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن سۇ كۆك، يېشىل بولۇپ، ياقۇتقا ئوخشاش پارقىراق ھەم سۈزۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارلىق تاغ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولغاچقا، تاغدىكى دەرەخلەر خۇددى گۈزەل بىر پارچە رەسىمدەك كۆرۈنىدۇ.

لىجياڭ «بەيشىن» مەنزىرە رايونى:

لىجياڭ «بەيشىن» مەنزىرە رايونى-- لىجياڭ مەنزىرە رايونىدىكى يادرولۇق مەنزىرە رايونى. لىجياڭ «بەيشىن» مەنزىرە رايونىنى دۆلىتىمىزدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى ئويۇن قويۇش شىركىتى- سۇڭچېڭ ئويۇن قويۇش مەركىزى بەرپا قىلغان بولۇپ، لىجياڭ قەدىمى شەھىرىگە ئالتە كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ مەنزىرە رايونىدا لىجياڭدىكى ھەرقايسى مىللەتللەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئاساسىي تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسسۇل «لىجياڭدىكى مۇھەببەت» ئارقىلىق، لىجياڭنىڭ مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي مەنزىرىسى نامايەن قىلىنىدۇ. مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىقى چاماگۇ كوچىسى، ناسوخەي، قارلىق تاغ ساھىلى، مىللەتلەر كەنتى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دوستلۇق مەيدانى قاتارلىقلار بار.

لۇگۇخۇ كۆلى:

لۇگۇخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولسىمۇ، مەنزىرە نۇقتىلىرى بىر قەدەر تارقاق، يول شارائىتى بىر قەدەر ناچار. شۇڭا، بۇ يەرگە بارغۇچىلار ياخشى پىسخىك ساپاسى ۋە تەن ساپاسىنى ھازىرلىشى، جاپادىن قورقماسلىق روھى بولۇشى كېرەك. بۇ يەرنىڭ يوللىرى ئاساسىي جەھەتتىن شېغىل يول، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىك تاغ يولى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، قىز- ئاياللار بۇ يەردىن كۆزىنى يۇمۇپ ئۆتىدۇ. كۆل ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەر ساۋخەي كۆلى، ئارىشاڭ، پەرى چوققىسى قاتارلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان جايلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. لۇگۇخۇ كۆلىگە ئەڭ ياخشىسى ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە بېرىڭ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولۇپ، سۇغا چۈمۈلسىڭىز توڭلاپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆل قىرغىقىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، ھەرگىز يەڭگىللىك بىلەن كۆلدە سۇ ئۈزمەڭ. ئۇنىڭدىن سىرت ئازراق نەق پۇل، پارچە پۇل تەييارلىۋېلىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى