قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماتورغا قوغداش تاختىسى ئورنىتىش زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

2018-06-13 12:43:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىلنى ئاسراش ناھايىتى مۇھىم. نۇرغۇن كىشى ئاپتوموبىلنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەر خىل قوغداش ئەسۋابلىرىنى ئورنىتىۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ماتور مۇھاپىزەت تاختىسىغا بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس، بەزىلەر ماتورغا مۇھاپىزەت تاختىسى ئورناتسا، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ماتورغا مۇھاپىزەت تاختىسى ئورناتقاندىن كېيىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا، ماتورغا مۇھاپىزەت تاختىسى ئورنىتىش زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يوق؟
بىرىنچىدىن، ماتورغا مۇھاپىزەت تاختىسى ئورناتقاندا، ئاپتوموبىل تەگلىكى بىلەن يەرنىڭ تېگىشى، سۈركۈلۈشى ئازىيىپ، ماتورنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى ئۇزىرايدۇ.
ئىككىنچىدىن، قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردە، ماتور مۇھاپىزەت تاختىسى قار-يامغۇر سۈيىنىڭ ماتورنى داتلاشتۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىن ئالىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ماتورغا مۇھاپىزەت تاختىسى ئورناتقاندىن كېيىن تەگلىك تېخىمۇ تەكشى بولىدۇ-دە، شامالنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىپ، ماي سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ماتورغا مۇھاپىزەت تاختىسى ئورنىتىشقا قارشىلار تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئەنسىرەيدۇ:
بىرىنچىدىن، مۇھاپىزەت تاختىسى ئورناتقاندىن كېيىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ماتور توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل لايىھىلىگەندە، بۇ نۇقتا ئويلىشىلىدۇ، مۇھاپىزەت تاختىسىنىڭ ماتورغا بولغان قارشىلىق كۈچىنى ناھايىتى كىچىك دېيىشكە بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ماتور مۇھاپىزەت تاختىسى ماتورنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ماتور سوۋۇتۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ماتورغا مۇھاپىزەت تاختىسى ئورنىتىش زۆرۈرىيىتى بار، شۇنداق بولغاندا يول يۈرگەندە تېخىمۇ خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى