قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قول خوتنى زادى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

2018-06-13 18:46:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. قول تورمۇزنى كۈچەپ تارتماڭ
نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل ئىگىسى دوستلىرىمىز تورمۇز ئۈنۈمىدىن ئەندىشە قىلىپ ئاپتوموبىلنى توختاتقاندا قول تورمۇزنى كۈچەپ تۈۋىگىچە تارتىۋىتىدۇ، يەنى مۇشۇنداق قىلساملا ئاندىن ھېچ ئىش چىقمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش قول تورمۇزنىڭ ئىشلىتىش ئۆمىرگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مېخانىكىلىق قول تورمۇز پۇرژىنا ئارقىلىق ئورنىغا قايىتقانلىقتىن، ئەگەر ھەر قېتىم يۇقىرى جىددىي ھالەتتە تۇرسا پۇرژىنىنىڭ ئىلاستىكىلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ئۆز ئورنىغا تولۇق قايتماس قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە تورمۇز دەستىسىنى تارتىپ 70%لىك ئورۇنغا تارتىپ قويساقلا قول تورمۇز ئۆزىنىڭ نورمال تورمۇزلاش كۈچىنى كۆرسىتەلەيدۇ.
2. دۆڭدە قول تورمۇز تارتساق سەل پەل سىيرىلىش بولسا بۇ نورمال ئەھۋال.
بەزى ۋاقىتلاردا ئاپتوموبىل توختىتىدىغان ئورۇنلار دۆڭ ئورۇنلارغا توغرا كېلىپ قالىدۇ، ئاپتوموبىلنى خوتتىن چىقىرىۋېتىپ قول تورمۇزنى تارتىۋەتكەندىن كىيىن ئاپتوموبىل سەل پەل سىيرىلىپ ئاندىن توختايدۇ، پەقەت سىيرىلغان جايى چوڭ بولمىسىلا، قول تورمۇزنىڭ ئىقتىدارى نورمال ھېسابلانغان بولىدۇ. شۇڭا كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىسى دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
3. ئاپتوموبىل يول يۈرۈۋاتقاندا ھەرگىز قول تورمۇزنى تارتىپ سۈرئەتنى ئاستىلاتماڭ
نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇز سىستېمىسى ئۈنۈمىنى يوقاتقاندا قول تورمۇز ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتساق بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا. ئەگەر تۆۋەن سۈرئەتتە بولسا بۇ خىل ئۇسۇل ئاسانلا قول خوت قۇرۇلمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتتە بولسا بۇ خىل ئۇسۇلنى ئەسلا ئىشلەتسەك بولمايدۇ. چۈنكى قول تورمۇز قۇرۇلمىسى پۇختا ئەمەس، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تورمۇز كۈچىنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس. بۇ يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن خەتەرلىك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى