قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش تەس ئەمەس

2018-06-13 19:10:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى توغرا بولسا ئۇنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بىراق ھازىر بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ نېمىلىكىنى ئانچە ئېنىق ھېس قىلىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. ھېس قىلغانلىرىمۇ ئاز-تولا چىرايلىق گەپ قىلىش ياكى ھەمىشە ماختاش ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا قاراش. شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىشقا مايىلىشىش؛ خاتالىقنى بالىدىنلا ئەمەس، بالا قىلغان ئىشنىڭ توغرا بولمىغان تەرىپىدىن تېپىش؛ بالىلار چوڭلارنىڭ ياردىمىگە ھەقىقىي مۇھتاج بولغاندا، ئۇلارغا كۈچ- قۇۋۋەت، ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ۋە توغرا يول ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش؛ بالىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ھەر ۋاقىت ئىنچىكىلىك بىلەن تولۇق ئىگىلەشكە، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلاردىكى ئىلگىرىلەش ۋە ياخشى خۇلۇق- مىجەزلەرنى بايقىغان ھامان خوشاللىقىمىز ھەم مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەش، شۇنداقلا ئۇنى بالىلاردىكى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش.... دېگەندەك تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
 ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ تاللاشچانلىقىغا دىققەت قىلىش:
ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ قېلىپلاشقان مەخسۇس ئۇسۇلى يوق، ئۇ پەقەت كونكېرت شارائىتتا ئوخشىمىغان ئەھۋاللاغا قارىتا ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىپادىلىنىدۇ، بىراق ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بالىنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە ئادەتتىكى ئىشلارغىمۇ تولا ماختاپ بەرسەك، بالىلاردا باشقىلار بىزنى ماختىسا قەدرىمىز بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا قىممىتىمىز تۆۋەنلەيدۇ، دېگەندەك ئىدىيە شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ تاللاش خاراكتېرىلىك بولۇشىغا، پەيتىدە ۋە لايىقىدا ئىشلىتىلىشىگە دىققەت قىلىشى زۆرۈر.
 بالىلارنى ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا يېتەكلەش؛
بالىلار بىر ئىشقا تېز قىزىقىپ، تېز سوۋۇيدۇ، شۇنداقكەن ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ قىلالىغان ئىشىنى ماختىغاندىن باشقا، قىلالمىغانلىرىنى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ھەم ئەقىل ئىشلىتىپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش؛ بىلمىگەن ۋە قىلالمىغاننى قىلىپ بېقىشقا يېتەكلەش، ئامال بار ئۆزى قىلىپ بەرمەستىن، بالىلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش دانالىق.
 بالىلاردا گۈزەللىك قارىشىنى يېتىلدۈرۈش؛
كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىر ئىشتا نەتىجە قازانسا ياكى ئۇلارنى ماددىي نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلاپ ئىلھاملاندۇرىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس. مەسىلەن: بالىلار قىلالايدىغان پول سۈرتۈش، ئۆي تازىلاش، كىيىملىرىنى ئۆيى يۇيۇش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، بۇزۇلغان نەرسە- كېرەكلەرنى تۈزەش... دېگەندەك ئىشلار پاكىزلىق ۋە گۈزەللىكنى سۆيۈشنىڭ ئاددىي ئىپادىلىرى، شۇڭا بالىلار مەلۇم ئىشنى قىلغاندا ئۇلارغا پۇل ياكى ماددىي نەرسە سوۋغا قىلماستىن، گۈزەللىكنى سۆيۈشنىڭ نەقەدەر ياخشىلىقىنى، ئادەم گۈزەللىككە ئىنتىلسە، گۈزەللىكنى سۆيسە، گۈزەللىكمۇ ئادەمگە قۇچاق ئېچىپ ھايات تېخىمۇ گۈزەل، رەڭدار بىلىنىپ، تۇرمۇشى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ھەمدە بالىنىڭ قىلغانلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەش توغرا ئۇسۇلدۇر. ناۋادا بالىلار پۇل ۋە ماددىي نەرسە ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇلسا، ئۇلاردا ھەممە نەرسىنى پۇل ياكى ماددىي نەرسە بىلەن ئۆلچەيدىغان ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا بالىلارنى ئىلھاملاندۇرغاندا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟
بالىلاردىن زىيادە چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇلارغا تەدرىجىي ئالغا ئىلگىرىلەش بوشلۇقى قالدۇرماسلىقتىن ساقلىنىش ئاقىلانىلىق، چۈنكى خاتالىشىش پۇرسىتى ئادەمنى نۇرغۇن نەرسىنى بىۋاستە چۈشىنىپ، تەجرىبە توپلايدىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭدا ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلىش جەريانىدا ئوينايدىغان رولىغا قەتئىي سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
بالىلارنىڭ كەمچىلىكىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىپ، بالىغا يېتەرلىك ئالغا ئىلگىرىلەش، كەمچىلىكىنى تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىش. ئۇلار ئىشەنچىنى يوقاتقاندا مېھرىبانلىق بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش، باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە زەربە بېرىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق زۆرۈر، چۈنكى بالىلارنى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا، بالىدا ئۆزىنى كەمسىتىدىغان خاھىش شەكىللىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ ھەم ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ تۇيۇق يولغا مېڭىپ قالىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ھوقۇقىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىنى بىلىش تولىمۇ زۆرۈر. بالىلارنى مۇۋاپىق مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش تەڭ بولۇش كېرەك، دەپ قارىغاچقا، بالىلار بىرەر ئىشنى ياخشى قىلسا ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ. ياخشى قىلالمىسا جازالاپ، تىل- ئاھانەت قىلىپلا قالماي، ھەتتا ئەدەپلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ كوزىرى. ئەمەلىيەتتە ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ خىل مەجبۇرلاش تۈسىدىكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى بالىلاردا بىزارلىق، قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرگە تاياق ئارقىلىق ئەمەس، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ، ئىدىيىسىگە تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىش يولى بىلەن تەربىيىلەشنى بىلگىنى ياخشى.
بالىلارغا ھەر ۋاقىت ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ پايدىسى تولىمۇ زور. ئىشەنچ -مۇۋەپپىقىيەتنىڭ 1-قەدىمى، چوڭلار ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا ئىشەنچ بولغاندىلا، ئاندىن ياخشى ھەمكارلاشقىلى ۋە دوستانە ئالاقە ئورناتقىلى بولىدۇ، بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، بالىلارغا يۈكسەك ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن قاراش ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ئەڭ ياخشى. ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ قابىلىيىتى، تالانتى ۋە ئەخلاقىغا ئىرىشكەندىلا، ئاندىن ئۇلاردا ئۆزىگە، قابىىيىتىگە ۋە ئىقتىدارىغا ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنى قىلماقچى بولغان ئىشقا ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىپ دادىل ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندىگىلى بولىدۇ، شۇندىلا بالىلار كەلگۈسى نىشاننى توغرا بەلگىلەپ ، يۈكسەك ئارزۇ- ئۈمىد بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسالايدۇ.
بالىلارنى زىيادە قىستاش ئۇلارنى نابۇت قىلغانغا باراۋەر. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تالانتىغا ئېسىلىۋېلىپ بالىلارنى كۆپ تەرەپلىمە تەربىيىلەشكە سەل قارايدۇ ھەم ئۇلارنى ئۈگىنىشكە قىستاپ قىزىقىشىنى نابۇت قىلىدۇ، نەتىجىدە بالىلاردىكى تاللاشچانلىق جارى بولمايدۇ، شۇڭا بالىلارنى زىيادە قىستاشتىن ساقلىنىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر. بالىلارغا ئارتۇقچە چەك، يۇقىرى تەلەپ قويۇش ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ھە دېسىلا تەتۈرلۈك قىلىدىغان، جىمغۇر، دىلىغول، خاپىغان يۈرىيدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق تەقدىرگە دۇچ كېلىپ يېرىم يولدا نابۇت بولغان تالانت ئېگىسى نۇرغۇن.
ئومۇملاشتۇرغاندا، بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتا مۇنداق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈنۈمى بار:
تىپ ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش ؛
ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئىلھاملاندۇرۇش.
ئىبرەت قىلىش ئۇسۇلىدا ئېلھاملاندۇرۇش؛
كىتاب ھېكايىلەر ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش؛

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى