قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇقىم مىقدارلىق ئورالما تاۋارلارنىڭ ساپ مىقدارىنى مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2018-06-13 19:31:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇقىم مىقدارلىق ئورالما تاۋارلارنىڭ ساپ مىقدارىنى ئۆلچەش بويىچە مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ خىزمەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 92 كارخانىغا چېتىلىدىكەن. نۆۋەتتە، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئالدىدا تۇرغان كارخانا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بۇ يىل 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋرىشكە ئېلىش تاماملىنىپ، 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.
 ئىگىلىنىشىچە، مۇقىم مىقدارلىق ئورالما تاۋارلار دېگىنىمىز سېتىشنى مەقسەت قىلغان، مەلۇم مىقدار دائىرىسىدە سۈپىتى، ھەجىمى، ئۇزۇنلۇقى، كۆلىمى، ھىسابلاش بەلگىسى قاتارلىق بەلگە مەزمۇنلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ئالدىن ئورالغان تاۋارلارنى كۆرسىتىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھازىرقى مۇقىم مىقدارلىق ئورالما تاۋارلارنىڭ تۈرى ۋە كارخانىلارنىڭ سان ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ قېتىملىق مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئۇن، يېمەكلىك ياغ، سۇ، ئىچىملىك، ئۇششاق يېمەكلىكتىن ئىبارەت بەش خىل تاۋار تاللانغان.
بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكى تاۋارلار ئايرىم ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئۆلچەم باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەم ئورنى ھەمدە سانجى ئوبلاستلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىلىرى ۋە كارخانىلار ۋەكىللىرى بۇ قېتىملىق ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى