قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بايىنغولىندا كىروراننىڭ سىرىنى تېپىش» باش تېمىسىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

2018-06-13 19:42:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ دۆلەت ئىچى، شىنجاڭ ئىچى، ئوبلاست ئىچىدىكى ئۈچ خىل ساياھەتچىلەرگە يۈزلەنگەن سەرخىل مەدەنىيەت ساياھەتچىلىك لىنىيەس ئېلان قىلىندى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەنچېڭ مۇنداق دېدى: شىمالىي لىنىيەدە تيانشان دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش رايونى بولغان بايىنبۇلاق ئاساس قىلىنغان ئېكولوگىيە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى ئاساس قىلىنىدۇ؛ جەنۇبىي لىنىيەدە قاراقۇرۇم تېغىغا چىقىش، بىپايان قۇملۇقنى كېزىش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ لىنىيە لوپنۇر، كىروران مەدەنىيىتى قاتارلىق مول مەزمۇنغا ئىگە؛ ئوتتۇرا لىنىيەدە بولسا قاراشەھەر ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەكلىرى، باغراش كۆلىدە ساياھەت قىلىش ۋە دولقۇن يېرىش، يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستىمىز بۇ 3 سەرخىل لىنىيەگە تايىنىپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ساياھەت باش تېما پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىمىز.
بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ئاساسلىق تۈرلىرى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %85.7 نى ئىگىلەيدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جاڭ شۇشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، بايىنغولىن ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، داۋاملىق كىروران مەدەنىيىتى، شەرققە قايتىش مەدەنىيىتى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى، نەشپۈت مەدەنىيىتى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىمىز. تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق كېڭەيتىپ، كېڭەيتىش ئارقىلىق تونۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە بايىنغولىن ئوبلاستىنى تونۇشتۇرۇپ، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئوبلاستىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى بارغانسېرى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ساياھەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى