قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېيجىڭنىڭ كونا زاۋۇت ئۆيلىرىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى  كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى

2018-06-13 19:52:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي 4- ئايلانما يولى بىلەن شەرقىي 5 - ئايلانما يولى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان چاۋياڭ رايونىنىڭ گاۋبېيدىيەن يېزىسى شىدىيەنسۈن كەنتىنىڭ ئاھالىلىرىغا ئەڭ تونوشلۇق بولغىنى پويىزنىڭ رېلىستىكى تاراقلىغان ئاۋازى. ئۇ چاغلاردا، كەنتتە تاشلىنىپ قالغان بىر ۋەيرانە زاۋۇت قورۇسى بۇلۇپ، بۇ قورۇنى ئۇياقتىن بۇياققا گىرەلىشىپ ئۆتىشىدىغان 6 رېلىس بۆلىۋەتكەن ئىدى. بۇ يەردىن ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم پويىز ئۆتىدىغان بۇلۇپ، پويىز ھەر بىر ئۆتكەندە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ لەمپىلىلىرى سىلكىنەتتى.
▲ كونا زاۋۇت ئۆيلىرى ھازىرمۇ شۇ پېتى ساقلاغلىق، پەقەت زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ شەكلى ئازراق ئۆزگىرىپ، شىدىيەن ئەسلىمە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى بۇلۇپ قالدى، نەچچە يۈز تارقىتىش ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش كارخانىسى بۇ يەرگە ماكانلاشتى. بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە سانائەت ئىلمىنتى ئىجادىيەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى پات پات كىلىپ تۇرۇشقا، بۇ يەردىن خۇشاللىق تېپىشقا ئۆگەتتى، 6 - ئاينىڭ ئاخىرى، باغچا رايونىنىڭ مەنزىرە نۇقتىسى ئاساسى جەھەتتىن نامايان بولۇشقا باشلايدۇ. رېلىس، ئېگىز جازا، يول - كۆۋرۈك قاتارلىق سانائەت ئېلېمېنتىلرى بىلەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئىشلىرى بۇ كىچىك بازار بىلەن ئورگانىك بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ، شىدىيەنسۈن كەنتىنىڭ شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان قىسمىدىكى بۇكونا زاۋۇت بىناسىغا كىنو - تېلېۋېزىيە IPكەسپى باشلامچى قىلىنغان ئومومى ئېكولوگىيە كەسىپ زەنجىرىنىڭ جەم بولۇشى شەكىللىنىدۇ.
▲ بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە: نۆۋەتتە شەھەر بۇيىچە ئۇمۇمى كۆلىمى 25مىليۇن كۋادىراتمىتىر بولغان 242 كونا زاۋۇت بىناسى بىكار قىلىنىپ بۇنىڭدىن 6مىليۇن 10مىڭ كۇادىراتمىتىرلىق 2زاۋۇت بىناسى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىلغان، يەنە 1مىليۇن 380مىڭ كۇۋادىراتمىتىر زاۋۇت ئۆيى تىپى ئۆزگەرتىپ قايتا ياسىلىۋېتىپتۇ. بېيجىڭنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش - تۈزەش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ يەنە ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق كارخانىسىدىن 200دىن كۆپرەكى 3يىلدا ئارقا- ئارقىدىن كۆچۈرىلىدىكەن.
▲ بۇ سانائەت مىراسلىرىغا نەچچە 10 يىل بولغان بۇلۇپ، جايلىشىشى تارقاق. بۇرۇن ئۇ جايلاردا پولات تاۋلاش پىچلىرىنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن ئىس كۆتىرىلىپ تۇرىدىغان، سېخلاردىن ماشىنىلارنىڭ گۇلدۇرلىگەن ئاۋازى چىقىپ تۇرىدىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تاشلىنىپ تىمتاس بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، لىكىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرىغا نىسبىتەن ئېيىتقاندا ئۇ كونا زاۋۇت ئۆيلىرى شەھەرنىڭ قان تومورىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار جۇڭگو سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەم، ئوخشاش يۆنۆلۈشتە ئىلگىرلىگەن، قويۇق دەۋىر تۈسىگە ئىگە بولوپ بېيجىڭنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرىنىشى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كونا زاۋۇت بىنالىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى مۇھىم يۆنۆلىش بولسا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەنى مەدەنىيەت سارىيى، كىچىك تىياتېرخانا، كىتابخانا سېلىش، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، رايۇن مەدەنىيتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى تولوقلاش دەپ بىكىتتى.
▲ كونا زاۋۇت بىنالىرىنىڭ مۈلۈكدارلىرى كونا زاۋۇت بىنالىرىنى قوغداش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئەسلىمىلەرنى ساقلاپ قېلىشلا بۇلۇپ قالماستىن يەنە شانلىق ئىشلارنى قىلىش ھىسابلىنىدۇ دپ قارايدۇ. مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كارخانىلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپرەك كۆزى چۈشىدىغىنى كونا زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ تارىخى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بىرەلەيدىغان خىزمەت بوشلىقى بۇلۇپ، ئۇلار ئازراق ئۆزگەرتىلسىلا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئېلىپ بارىدىغان موھىم ئورونلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
▲ بېيجىڭ شەھىرى تەرەققىي قىلىپ قەدىمى چوڭ شەھەرلىك قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان زامانىۋى چوڭ شەھەر، ھازىر بېيجىڭ شەھىرى بايلىقنى يىغىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىن فونكىسىيەنى تارقاقلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىشتەك چۇڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىشكە قاراپ يۈزلەندى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۆمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئوللىرى «بۇ بىر ئىقتىسادىي مەسىلە، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەدەنىيەت مەسىلىسى. كونا زاۋۇت ئۆيلىرى بېيجىڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈگىمەس بايلىق، ئۇنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بىزنىڭ مەسئولىيىتىمىز»دەپ قاراشتى.
▲ سانائەت بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىرلىشىشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بولغان تەپەككۇر بوشلىقى ئېلىپ كەلدى. بېېجىڭدا سانائەت مىراسلىرىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچىسى تولىمۇ كۆپ، داڭلىق بولغان «798سەنئەت رايۇنى» بۇلاردىن بىرى. ئۇنىڭ تەكتى يېڭى جۇڭگۇ بىلەن تەڭ قۇرۇلغان دىيىشكە بولىدىغان «718ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى بىرلەشمە زاۋۇتى» بولوپ، 2002- يىلىدىن باشلاپ سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت كارخانىلىرى ئارقا ئارقىدىن ئۇ يەرگە ئورونلاشتى. 10 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق «798سەنئەت رايۇنى» بېيجىڭنىڭ مودا مەدەنىيىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بۇلۇپ قالدى، يەنە 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بۇلۇپ قالدى.
▲ گۈزەل سەنئەت سارىيى ئارقا كوچىسىدىكى « 77مەدەنىيەت ئىجادىيىتى » شىركىتىنىڭ مەسئولى ۋاڭ لېي ئېمپورت قىلىنغان ئىككى رېزىنكا باسما ماشىنىسى ئۈسكۈنىسىنى ئالايىتەن ساقلاپ كەلدى، ئۇ «كۆپچىلىك بۇ باغچا رايۇنىنىڭ بۇرۇن داڭلىق بولغان بېيجىڭ باسما زاۋۇتىنىڭ ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىسىدە ساقلىسۇن.» دەپ، ئۈسكۈنىنىڭ بىرىنى بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋەت دالاننىڭ ئوتتۇرىسىغا، بىرىنى باغچا رايۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىپ قويدى.
▲ بېيجىڭ باسما زاۋۇتى بېيجىڭدىكى تۈنجى بۇلۇپ رېزىنكا باسما تېخنىكىسىنى قوللانغان زاۋۇت بۇلۇپ، كۆپ يىلدىن بۇيان باسما تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن بېيجىڭ باسما زاۋۇتىنىڭ باسمىچىلىق كەسپى پۈتۈن گەۋدە بۇيىچە تېز چىكىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇت رايۇنىنىڭ مۇھىتى ناچار بولغاچقا، بېيجىڭنىڭ مەدەنىيەت يادرولۇق رايۇن كەسپى دېگەن ئورنىغا ئېغىر دەرىجىدە ماس كەلمەي قالدى. 2012- يىلى بېيجىڭ باسما زاۋۇتى ئەسلىدىكى رېزىنكىلىق بېسىش ئىشىنى باشقا جايغا كۆچۆرۈپ كەتتى. شۇ يىلى دوڭچېڭ رايۇنلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۆمەتنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن بېيجىڭ باسما زاۋۇتى ۋاڭ لېي ئىشلەۋاتقان كارخانا بىلەن ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىقنى يولغا قويۇپ، « 77مەدەنىيەت ئىجادىيىتى»نىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى. بىر نەچچە يىلدا، گۈزەل سەنئەت سارىيى باغچا رايۇنىدىكى كىچىك تىياتېرخانىنىڭ پولات تاختىلىرىدا قىزىل داتلار پەيدا بولدى، بۇ ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ تاملىرىدا ئېچىلىپ قالغان قىزىل خىشلار، ھويلىغا ياتقۇزۇلغان قىزىل خىشلار بىلەن قوشۇلۇپ، بىر خىل قىزىل تەگ ھاسىل قىلدى. قوراغا يەنە باغچا رايۇنى بۇيىچە ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە كىچىك تىياتېرخانا سېلىندى، پۈتكۈل ئۆزگەرتىلگەن تۈر « 2016- يىللىق جۇڭگۇ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى جەمئىيىتىنىڭ بىناكارلىق ئىجادىيىتى ئالتۇن موكاپاتى»غا ئىرىشتى. ۋاڭ لېي «پۈتۈن گەۋدە بۇيىچە لايىھەلەش، كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش، باغچا رايۇنىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىدىكى چۆلدەرەپ قالغان زاۋۇت رايۇنى كۆپچىلىكنىڭ تۇرۇپ قالغۇسى كىلىدىغان بوشلۇققا ئايلاندى» دىدى .
▲ مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2010- يىلى لاڭيۈەن باغچىسى ئېچىلغاندا، مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى دېگەن بېيجىڭ يەر مۈلۈك چەمبىرىكىدە يېڭى ئىش ھېسابلىناتتى. تۇنجى گۇرۇھتىن كەلگەن باغچا رايونى تىجارىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ چۇنيەن مۇنداق دېدى: «ھازىرقى لاڭيۈەن باغچىسى بۇرۇنقى بېيجىڭ ۋەندۇڭ داۋالاش ئۈسكىنىلىرى زاۋۇتى ئىدى. پەقەت ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغىلا 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بىزنىڭ ئىدىيەرىمىز بولسا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش رېمونت قىلىش، يەنى كونا زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئەندىزىسىنى قوغداش ئاساسىدا، باغچا رايونىنىڭ سۇ، توك، گاز، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، باغچا رايونىنى مەدەنىيەت كارخانىلىرى، مودا ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى، لايىھەلەشنى ئۆگىنىش، ئىجادىي يېمەك- ئىچمەك بىر گەۋدە قىلىنغان بىرىكمە شەكىللىك مەدەنىيەت - سەنئەت باغچا رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
▲ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن «چاۋياڭ يولى»نىڭ بويىدا تۇرۇپ، ئىلگىرىكى كونا زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ھازىر ئويۇن قويۇش بوشلۇقىغا؛ ئىلگىرىكى ئەسلىھە تەمىنات- سودا نۇقتىسىنىڭ ھازىر ئەدەبىيات- سەنئەت قەھۋەخانىسىغا؛ ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ھازىر ئىجادىيەت خىزمىتى ئۆيى ۋە لەنجىڭ سەنئەت مەركىزىگە ؛ ئىلگىرىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ ھازىر مودا بولۇۋاتقان «لايىھىلىگۈچىلەر، سېتىۋالغۇچىلار توپلام دۇكىنى» ۋە ئاۋانگارت لايىھىلەش ئۆيىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
▲ ئۆتكەن 20 يىلدا «798 سەنئەت رايونى»نى بەلگە قىلغان بېيجىڭدىكى كونا زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى قايتا يارىتىش ئۆزلۈكىدىن ئاڭلىق بولۇشقىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، قاقاس كونا زاۋۇتلارغا مەدەنىيەت گېنىنى سىڭدۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇيقۇدىكى سانائەت بايلىقىنى ئويغىتىپ، كونا زاۋۇتلارنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. لاڭيۈەن باغچىسى، «77 مەدەنىيەت ئىجادىيىتى »، E9 رايونى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىلىرى ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.
▲ ideaPod نىڭ ياش قۇرغۇچىسى ليۇ بىڭچىڭ لاڭيۈەن باغچىسىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىرلەشمە ئىشخانا بوشلۇقىنى لايىھەلەپ چىقتى. يېشىللىق، رەسىم ئەسەرلىرى، لايىھىلەش تۈسىنى ئالغان ئۆي جاھازلىرى بىلەن تولغان ئىشخانا بوشلۇقىغا كىرگىنىڭىزدە، بۇ يەردىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايسىز.
▲ ئۆي ئىچىدىكى بىر تۈپ چوڭ يۈلەن دەرىخىنىڭ ئاستىدا، بەزىلەر خېرىدارلار بىلەن قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا؛ سەنئەت بۇيۇملىرى تىزىلغان رەسىم كارىدورى مەجلىسخانىسىدا ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ كوللېكتىپى يىغىن ئاچماقتا؛ يېشىللىق تېمى ئەتراپىدىكى كىچىك ياغاچ ئۆيلەردە بەزىلەر پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەت قىلماقتا، چوڭ تام مەشنىڭ يېنىدىكى سافادا بەزىلەر مۈگدەپ قالغانىدى ....
▲ ليۇ بىڭ چىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنى بىرلەشمە ئىشخانا بوشلۇقى دېگەندىن ئىجادىيەت كۇلۇبى دېگەن تۈزۈك، بۇ ئوزۇقلۇققا تويۇنغان تۇپراقتا ھەر خىل مەنزىرىلەر نامايان بولىدۇ.»
▲ كونا زاۋۇت ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. سەنيۈەن يېمەكلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى 1- زاۋۇتى بەرپا قىلغان E9 رايونى ئىگىلىك تىكلەش ئورنىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى «ئالتۇن سۇمۇرغ» بولۇپلا قالماستىن، يەنە «كەركىدان» ئىدى.
▲ داتلاشماس پولات سۈت مەھسۇلاتلىرى قۇتىسىدىن تۈزۈلگەن لايىھىلەش تۈسىنى ئالغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلمىنىڭ كەينىدە، ئىشچى- خىزمەتچىسى نەچچە مىڭغا يېتىدىغان كارخانا ئىشخانا بوشلۇقى يوشۇرۇنغان. باغچا رايونىنىڭ مەسئۇلى جۇ چاۋيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جىئو جۈخې شىركىتى بىز كىرگۈزگەن تۇنجى <كەركىدان> كارخانا بولۇپ، ئۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى بىرلەشتۈرىدىغان مەيدانلاشقان ئەمەلىي قوللىنىش سۇپىسى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەمىنلىگۈچى ھېسابلىنىدۇ.
▲ ئەنئەنىۋى «نىمكەش ئىجارىكەشلىك تەپەككۇرى» يەنىلا بازارغا ئىگە بولغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچا رايونى ساھەسى بولۇپ، ۋاڭ لېي قەتئىي ھالدا ئىجارە ھەققى بىلەن ئۆلچەنمەيدىغان ئىجازەت مىخانىزىمىنى تاللاپ، بىر قانچە ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك، كەسىپلەشكەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچا رايونى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت تۈرلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كارخانىلىرىنى توپلىدى. » 77 مەدەنىيەت ئىجادىيىتى« جەلپ قىلغان بېيجىڭ تىياتىر مەشىق مەركىزى دەل ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇرغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك مۇلازىمەت سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى ئېچىۋېتىلگەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 336 ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنىڭ 454 تىياتىر نومۇرىنى قۇبۇل قىلدى.
▲ بېيجىڭ «داخۇا» سىمسىز تېلېگراف ئاپپاراتى ئۈسكۈنە زاۋۇتى ئاساسىدىكى «768 ئىجادىيەت كەسپى باغچا رايونى»مۇ ئوخشاشلا كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىجارە ھەققىنى ئەزەلدىن بىرىنچى ئۆلچەم قىلمايدۇ. «768 ئىجادىيەت كەسپى باغچا رايونى» قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باشقۇرۇش كومىتېتى كەسىپ ھالىتىگە ماس كەلمەيدىغان نۇرغۇن كارخانىلارنى رەت قىلغان ئىدى. لايىھەلەش كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ كىرىشىنى ساقلاش ئۈچۈن، باغچا رايونىدىكى 8000 كۇۋادىرات مېتىرغا يېقىن زاۋۇت ئۆيى بىر يىلدىن ئارتۇق بوش تۇردى. نۆۋەتتە، سانائەت رايونىدىكى 100 گە يېقىن كارخانا ئىچىدە «ئالاقە تورى ماسلاشقان» تۈرلەردىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن ئاشتى.
▲ نۇرغۇن مۈلۈك باشقۇرغۇچىلار «ئۆينى قانداق ئىجارىگە بېرىش» نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، لاڭيۈەن باغچىسى 2014- يىلىلا مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ يەرگە ماكانلاشقان «گوكې تورى» قاتارلىق 50 نەچچە كارخانا مەدەنىيەت، ئىجادىيەت، IT، لايىھەلەش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلارنى ئاساس قىلغان 4000 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
▲ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونىدا لاڭيۈەنگە ئوخشاش مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدىن 40 نەچچىسى بار بولۇپ، سان ۋە سۈپەت جەھەتتە شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. چاۋياڭ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فېڭ چۇنچيۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە چاۋياڭ رايونى دەسلەپكى قەدەمدە سەنئەتكارلار ئۆزلىكىدىن يىغىلىپ تەرەققىي قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان «798 ئەندىزىسى»؛ ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە تەرەپ كەسپىي ئاپپاراتلار بىلەن بىرلىشىپ بەرپا قىلغان «751 ئەندىزىسى»؛ ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ھەمدە تىجارەت قىلىپ باشقۇرغان «چاۋياڭ پىلانى سەنئەت سارىيى ئەندىزىسى»؛ ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت كارخانىلىرى تەشكىللىگەن يېڭى تىجارەت كوللېكتىپى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ كېڭەيتكەن «لەيجىن ئىجادىيەت كەسپى رايونى ئەندىزىسى» قاتارلىق سانائەت مىراسلىرى تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۆت خىل ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
▲ بۇ يىل 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك مەدەنىيەت- مائارىپ ئىشخانىسى، شەھەرلىك مەدەنىيەت- مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى قاتارلىق كۆپ تارماقلار ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «كونا زاۋۇت ئۆيلىرىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى قوغداش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» رەسمىي ئېلان قىلىندى.
▲ ئىلگىرى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئارلىقتا تاشلىنىپ قالغان تېخىمۇ كۆپ بېيجىڭ كونا زاۋۇت ئۆيلىرى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولماقتا

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى