قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساۋاتلار

2018-06-13 20:12:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. تۇزنى بېلىققا سۈرۈپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيسا بېلىق بەدىنىدىكى يېپىشقاق ماددىلارنى ئاسانلا تازىلىغىلى بۇلىدۇ.
2. ئاقلانغان يېڭى تۇرۇپنى تۇزغا چىلاپ يىگەندە بەك تەملىك بولىدۇ. ئاچچىق ئاپلىسىنغا ئوخشاش مېۋىلەرنى تۇز بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يىسە تېخىمۇ تەملىك تېتىيدۇ.
3. كالا سۈتىگە ئازراق تۇز قۇشىۋەتسە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
4. تۇزنى قورۇپ ئاچچىقسۇغا ئارلاشتۇرسا كۆكۈرۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5. بېلىق توغرىغاندا قولغا تۇز سۈركىۋالسا بېلىقنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئازايتىپ توغراشقا قولايلىق بولىدۇ.
6. پاكىز تازىلانغان بېلىقنى 10- 15 مىنۇتقىچە تۇزغا چىلاپ قويۇپ ئاندىن قورىسا پارچىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
7. بەزى سەي- كۆكتاتلاردا كۆكپىت كۆپ بولۇپ يۇيۇپ تازىلاش تەس. بۇ ۋاقىتتا %2 لىك تۇزغا چىلاپ ئاندىن يۇيسا پاكىز يۇيغىلى بولىدۇ.
8. ھورنان خېمىرى ياخشى ئۆلىگەندىن كېيىن سودا ئورنىغا تۇز ئىشلىتىلسە ھورنان ھەم ئاق ھەم يۇمشاق پىشىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ.
9. تۇخۇم پىشۇرغاندا قايناقسۇغا ئازراق تۇز قۇيۇپ، پىشۇرۇپ بولۇپ سوغۇق سۇغا چىلاپ ئاندىن تۇخۇمنى سويسا تۇخۇم پوستى ئاسان ئاجرايدۇ.
10. تۇرۇپ قاتارلىق ئاچچىق تەمى بار سەيلەرنى تۇزغا چىلىغاندىن كېيىن ئاندىن قورىسا ئاچچىق تەم چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
11. پالەك سەيگە ئوخشاش يېشىل يۇپۇرماقلىق سەيلەرنى پىشۇرغاندا، ئەگەر يوپۇرمىقى ساغىرىپ قالسا ئاز مىقداردا تۇز قوشۇپ قورىسا رەڭگى سارغىيىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
12. تاتلىق يىمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا %1 لىك ئاش تۇزى قۇشىۋەتسە پىشۇرۇق ھەم مېزىلىك ھەم كۆركەم پىشىدۇ. شىكەر قىيامىغا ئاز مىقداردا تۇز قۇيىۋەتسە تېخىمۇ ئىچىشلىك بولىدۇ.
13. ئېشىپ قالغان تاماقنى قىزىتقاندا، تاماققا ئازراق تۇز قۇيىۋەتسە تاماقتىكى غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.
14. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بىرلا قېتىمدا يەپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇلارنى تۇزغا چىلاپ قويغاندا قۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
15.توڭلىتىلغان توخۇ، بېلىق، گۆش قاتارلىقلارنى تۇز سۈيىگە چىلاپ ئېرىتكەندە ئېرىتىشنى تېزلىتىپلا قالماستىن يەنە تەملىك، يۇمشاق پىشىدۇ.
16. دۇفۇ پىشۇرغاندا ئاۋۋال ئازراق تۇز قۇشىۋەتسەك قاتتىق پىشىپ قالمايدۇ.
17. ئۈگرە پىشۇرغاندا، ئاۋۋال شورپىسىغا ئازراق تۇز قۇيىۋەتسەك چۆپى ئېزىلىپ كەتمەيدۇ، تېخىمۇ تەملىك، پۇراقلىق پىشىدۇ.
18. ئېشىپ قالغان تاماق بىلەن يېڭى پىشۇرغان تاماقنى بىللە يېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئېشىپ قالغان تاماقنى ئازراق تۇز قوشۇپ قىزىتىۋېلىپ ئەسلىدىكى غەيرىي پۇراقنى يۇقۇتىمىز، ئاندىن ئىككى خىل تاماقنىڭ تەمى، پۇرىقى پەرىقلەنمەيدۇ.
19. بېلىقنى تۇزغا چىلاپ توڭلاتقاندا، بېلىقنىڭ قۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
20. قۇرۇتۇلغان دۇفۇ، دۇفۇ تىرىسى قاتارلىق دۇفۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە سېسىق پۇراق بار. ئەگەر تۇزلۇق قايناقسۇغا چىلىغاندا ھەم سېسىق پۇراقنى يۇقاتقىلى ھەم يۇمران پىشۇرغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى