قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جېجىياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ ياپ يىشىل تاغلار ئارىسىدىكى، دېڭىز بويى، تۈزلەڭلىكلىردىكى يېزىلىرىنىڭ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان قىياپىتى

2018-06-13 19:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

داپېڭ تېغى باغرىدىكى سىشىلوڭشەن بازىرىنىڭ شۈفۇ كەنتىگە يېقىنلاشقىنىڭىزدا قاتار تىزىپ قويغاندەك رەت رەت داچىلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ، ھەر خىل گۈللەرنىڭ ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان، بۈك باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەر سايا تاشلاپ تۇرغان كەنت خۇددى رەسىمدىكىدەك كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. مەھەللە گۇگۇم لىباسى بىلەن يېپىنغاندا كەنتنىڭ بېشىدىكى مەيداندىن داقا دۇمباق ساداسى ياڭراپ، كىشىلەرنى مەيدانغا كىلىپ ئۇسۇل ئويناشقا، كەنتنىڭ كىچىلىك مەنزىرىسىدىن ھوزورلىنىشقا چاقىرىدۇ. باشقا كەنتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ كەنتتە يەنە «شۈفۇ باغچىسى»دەپ ئاتالغان ئورنى 30مو كىلىدىغان بىر باغچا بار. باغچىنىڭ دەرۋازىسى جۇڭگۇچە راۋاق بۇلۇپ، دەرۋازىدىن كىرسىڭىز چوڭ تۇخۇمەك دەرەخلىرىنى ۋە ھەرخىل شەكىلدە ئۆستۈرۈلگەن چاتقال ئوت -چۆپ، گۈللەرنى كۆرىسىز.
كەچكى شەپەق نۇرى چېچىلىۋاتقان شۇ ئاخشامدا شياڭشەن ناھىيەسىنىڭ خۇاڭبياۋ يېزا تاتۇۋاڭ كەنتىنىڭ ئۇزۇن ئۇزۇن سوزولغان دېڭىز بويىغا بارسىڭىز، بېلىقچىلار كۈندۈزى ئاپتاپقا قاقلىغان لامنارىيەلەرنىڭ شەپەق نۇرىدا پارقىراپ، كەچقۇرۇندىكى سالقىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغىنىنى كۆرىسىز. دېڭىز بويلىتىپ ياسالغان 1مىڭ 314مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى ۋېلسىپىت يولى بىلەن مېڭىپ كەنتنىڭ بېشىدىكى 520 مىتىرلىق نۇقتىسىغا بارغىنىڭىزدا دېڭىز ۋېلسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ رومانتىكلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولىدۇ. «رەڭگارەڭ دېڭىز ساھىلى» مارافونچە مۇسابىقىسى، رەڭگارەڭ دېڭىز ساھىلى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، رەڭگارەڭ دېڭىز ساھىلى ئائىلە ساياھىتى، «رەڭگارەڭ دېڭىز ساھىلى» مىڭ كىشىلىك زىياپەت دېگەندەك ھەر بىر تۈر كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدۇ.
نىڭبو شەھىرى 2016- يىلىدىن باشلاپ مەنزىرىسى گۈزەل بۇلۇش، كەسىپلەر مول بۇلۇش، مەدەنىيەت كەيپىياتى قويۇق بۇلۇش، يېزا ئۆرپ ئادەت مەدەنىيلىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەلىپى ئاساسىدا، مەۋقەنى ئۆز ئورنىنىڭ تاغ - دېڭىزنى يەرلىك ئالاھىدىلىك قىلغان، 3 تۈرلۈك مەدەنىيلىك ئۈلگىسى لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشقا ئالاھىدە كۈچىدى. سىمىڭ تاغلىق رايۇنىدا تاغلىق كەنت ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە رەڭدار سىمىڭ بەرپا قىلدى، شەرقى دېڭىزنىڭ بويىدا شەرقىي دېڭىز بويى بېلىقچىلىق كەنت ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە دېڭىز بويى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى، شەرقى جېجياڭ تۈزلەڭلىكىدە 4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ ۋە مىۋە -چىۋە مولچىلىقى قاپلىغان گۈزەل شەرقىي جېجىياڭ بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، نىڭبو شەھىرى 10 رايۇن، ناھىيە (شەھەر)نى قاپلىغان ھەر قايسىسى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان 23 مەدەنىيلىك ئۈلگىسى لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى.
نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جېڭپىڭ ئەھۋال تونوشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: ئۈلگە لىنىيەلىرىدە مەدەنىيلىك ئامىللىرى بولغان يېزا مەنزىرىسى مەدەنىيلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش، جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەت بولغان تاغ دەريا مەنزىرىسىنى ھىس قىلدۇرۇش ۋە سەھرا بايلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يېزا مەدەنىيىتىنى ھىس قىلدۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كىشىلەرنى تاغ دەريا دېڭىز مەنزىرىسىنى كۆرۈش، يېزا قىياپىتىنى ئەستە قالدۇرۇش، بارغان جايلىرىدا مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق تەربىيىسىگە ئىگە بۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
مەدەنىيلىك ئالدى بىلەن مۇھىتتىن باشلىنىدۇ. «يولدا ئەخلەت، دەريا - ئۆستەڭ سۇلىرىدا لەيلەپ يۈرگەن تاشلاندۇق، ئېتىزلىقلاردا كىرەكسىز نەرسىلەر بولماسلىق، ھويلا-ئاراملاردا نەرسىلەرنى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويماسلىق» دىگەندەك بىر قاراپلا بىلگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئۆلچەم نىڭبو شەھىرىدە ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. شۈفۇ كەنتى دەريا ئۆستەڭلەردە كىر يۇماسلىقنى شەھەر بۇيىچە ئالدى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ يەردە كەنتنى كىسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا بۇلۇپ، ھەممە ئائىلىلەر سىرتقا چىققاندا دەريا بېشىنى كۆرەلەيدۇ. ئىشكتىن چىقىپلا دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ كىر يۇيىدىغان ئادەت بۇ كەنتتىكىلەر ئارىسىدا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ جىندې سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاشنى دەريا بويىدىكى كۆتەكلەرنى يوقىتىشتىن باشلاشنى قارار قىلدى. كەنت رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ يىغىنى، كەنت پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، كەنت ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا ئالدى بىلەن ھەممە ئورتاق تونوشقا كەلدى. ئىدىيە جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلغاندىن باشقا، كەنت تۇرۇبا سۈيى چىقىمى تۇلۇقلىمىسى بىرىشنى يولغا قويۇپ، كەنت ئەزالىرىنى غەم ئەندىشىدىن خالىي قىلدى. ھازىر، مەركىزى دەريا ئېقىنى بويىدىكى كۆتەكلەر ئېلىپ تاشلىنىپ بولدى، دەريادا كىر يۇماسلىق «كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت ئەھدىنامىسى»غا كىرگۈزۈلدى. شۈفۇ كەنتى ئارقا ئارقىدىن مەملىكەت بۇيىچە مەدەنىي كەنت، ئۇمۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى ئۈلگە كەنت، ئورمان بىلەن قاپلانغان كەنت، پاكىز كەنت قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشتى.
نىڭبو شەھىرىنىڭ رايۇن، ناھىيە (شەھەر)لىرى مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك مەزمۇنلىرىنى چۇڭقۇر قېزىش، يوروق نۇقتا ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ھەر بىر ئۆلگە لىنىيەسىگە ئوخشىمىغان ئاساسى تېمىنى بەلگىلىدى. سىشى « گۈزەل شەرقى جېجىياڭ»لىنىيەسىدە ئىناقلىق، قەدىمىلىك، پاكىزلىق، ئائىلە ئىستىلى ئاساسى تېما قىلىنغان «تۆت ئىستىل» ئالاھىلىدىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «سىشى ئىستىلى» گەۋدىلەنگەن مەدەنىيلىك ئۈلگىسىنى ھازىرلىدى. بۇ يەردىكى فاڭجيا خېتۇ كەنتىدە نامايەن قىلىنغىنى قەدىمقى كوچا، قەدىمقى دەرەخ، قەدىمقى قۇدۇق، قەدىمقى يول، قەدىمقى ئۆي ئىمارەتلەرنىڭ سىھرى كۈچى بولدى؛ رېنجياشى كەنتى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە نەسەپنامىسى، ئائىلە قائىدىسى، ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيىسى بازىسى، مەدەنىي ئائىلە ئىستىلى كارىدۇرىنى ئالاھىدىلىك قىلىپ، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئۆزگىچە سىھرى كۈچىنى گەۋدىلەندۈردى.
ۋاڭ گاڭ كەنتى «ئەلىيۇلئەلالار يۇرتى، مەشھۇر شەخسلەر ماكانى»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەلىيۇلئەلا مەدەنىيىتى باش تېمىسىدا باغچا قۇرۇپ، مەدەنىيەت كارىدورى، ئەلىيۇلئەلا ھەيكىلى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئەلىيۇلئەلا فاڭشەنجىڭ ۋە تارىخى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ئىشلارنى نامايەن قىلىپ، تارىخى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدى؛ «ۋۇگۈي كىتابخۇرمارلىرى»نى ئالاھىدىلىك قىلغان ۋۇگۇي كەنتى ھەر يىلى يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ جېڭمىڭ دەرسخانىسىدا «يەتتە ياشتا قائىدە- يوسۇنلارنى ئۆگىنىشنى باشلاش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدى.
فېڭ خۇا رايونىدىكى «پورەكلەپ ئېچىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى» ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسى 18.73 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاپتوموبىل يولى ۋە 23.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاستا مېڭىش لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبىئىي تاغ - دەريا، ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، ساياھەت كەسپى ئۆز- ئارا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت تېڭتۇ كەنتى، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنت چىڭيۈن كەنتى، «دۇنيادىكى بىرىنچى شاپتۇللۇق باغ» دەپ ئاتالغان لىن جيا كەنتى ۋە «دۇنيا شاپتۇل كوچىسى» دەپ ئاتالغان شىن جيەن كەنتى قاتارلىقلارنى قاپلىدى.
دايەن بازىرى قەدىمىي توسما، قەدىمىي ئىبادەتخانا، قەدىمىي دەرەخلەرنى ئۆز- ئارا ماسلاشتۇرۇپ، 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «جياڭنەندىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن گۈزەل نامى بار چاڭ جاۋ، دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى بار نەنشى، داڭلىق سترولۇق تام رەسىم كەنتى خۇبيەنچياۋ قاتارلىق 6 كەنتتىكى 20 مەنزىرە نۇقتىسىدىن ئۆتىدىغان «تاغ بىلەن تۇتاشقان توسما» ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى. لىنىيە بويىدىكى كەنتلەر »يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ«نى ئاساس، يېزا ئىستىلى مەدەنىيىتىنى ئىچكى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ھەم تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسى، ھەم ئېكولوگىيەلىك كەسىپ تىرىكى بار، بۇنىڭدىن سىرت، تەبىئىي مەنزىرىسى رەڭگارەڭ بولۇپلا قالماي، «يۇرتنى سېغىنىش ھىسىياتى»دىن ئىبارەت يەرلىك ئالاھىدىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئەنە شۇنداق تاغ باغرى ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقان گۈزەل كەنتلەر خۇددى بىر يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مەرۋايىتلاردەك گىرەلىشپ كەتكەن بولۇپ، مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيىسى ئەڭ ياخشى ساياھەت رايونى بولۇپ قالغان ئىدى.
»مەدەنىيەتنى ماسلاشتۇرۇش« نىڭ تۈرتكىسىدە مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، كەسىپ، ساياھەت قاتارلىق خىزمەت ھالقىلىرى راۋانلاشتى، تۈرلۈك سەيلە- ئىستىراھەت، مېۋە- چېۋە كۆكتات ئۈزۈش، پۇقراۋىي ياتاق، پۇقرالار تۇرالغۇسى، كۈتۈنۈش قاتارلىق تۈرلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. تاتۇۋاڭ كەنتىدىكى جۇ مىڭچۈەن ئەسلىدە نىڭبودا قۇرۇلۇش قىلاتتى، ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ، تۇنجى پۇقراۋىي ياتاق ـــ «شىخۇلىقلار ئائىلىسى»نى ئاچتى، بۇ پۇقراۋىي ياتاقنىڭ دېرىزىلىرى دېڭىزغا قارىغاچقا، خېرىدارلار ئۈزۈلمەيتتى. ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى مۇشۇ پۇقراۋىي ياتاقتا بولۇپ قالدى.
نىڭبودىكى 23 مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسىدىكى كەنتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «كەسىپ گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات» بولغان يېزا مەدەنىيىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە ئايلاندى. شياڭشەن ناھىيەسىدىكى «رەڭگارەڭ شىخۇ» مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسى «رەڭگارەڭ شىخۇ»، «شىخۇدىكى ئۈچ گۆھەر»، «شىخۇلىقلار ئائىلىسى» قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇردى، «شىخۇدىكى ئۈچ گۆھەر» يەنى زىسەي، دېڭىز مۇخى، لامىنارىيەنىڭ سېتىلىش سوممىسى 25 مىليون يۈەندىن ئاشتى. لياڭنۇڭ بازىرى 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، »لياڭنوڭ تاتلىق- تۈرۈم كوچىسى«نى بەرپا قىلدى، يىللىق سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەن ياۋېي مۇنداق دېدى: يېزىلاردا مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسى بەرپا قىلىشتىكى مەقسەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىشتۇر.
بۇ يىل 2- ئايدا نىڭبو شەھىرى «يېزىلاردا مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزىلاردىكى مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش لىنىيەسىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ۋە تۇتقا قىلىش كۆرسىتىلدى. تاغ- دەريالىرى گۈزەل، خەلقى باي بولۇش نىڭبو يېزا- كەنتلىرىنىڭ «بەلگىسى» بولۇپ قالغۇسى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى