قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇرۇلتوقاينىڭ يېزا ساياھەتچىلىكى

2018-06-13 19:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىغا بىر يېرىم كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇرۇقچىلىق مەيدانى، پاكىز، رەتلىك بولۇپ، بىر تۇتاش سېلىنغان ئىمارەتلەر، قىزىل راۋاق، شىپاڭلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ يەر بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ بۇرۇلتوقاي بازىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھەت ئارامگاھى ــ دېھقانلار ھويلا ئارامگاھلىرى جەمگاھى بولۇپ، بۇ يەردە جەمئىي 8 ئارامگاھ بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇش دائىرىسى ۋە قۇرۇلۇش كۆلىمى ئوخشاش بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قورۇسىدىكى كۆكتات ۋە مېۋە- چېۋە پارنىكلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان. ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزى ئۈزۈپ ئۆزى ئېتىپ يېسىمۇ، ياكى كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئاشپەزلەرنىڭ تەييارلاپ بېرىشىگە تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى ئۇلۇنگۇر كۆلى ئاسمان رەڭدە ئىدى. بەزى كىشىلەر كۆلدە بېلىقتەك كۆڭۈل ئېچىشىپ ئوينىشاتتى، يەنە بەزىلەر ساھىلدىكى شىپاڭلاردا ئولتۇرۇپ تومۇز ئىسسىقتىن سالقىنداۋاتاتتى، يىراقتىن كەلگەن بېلىق كاۋىپىنڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى بۇرۇلتوقاي ساياھىتىدە بۇنداق مەززىلىك تەمنى تېتىپ بېقىش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بەرمەسلىككە ئەسكەرتەتتى. بۇرۇلتوقايغا بارغاندا، چوقۇم بېلىق يېيىش كېرەك! بېلىق كاۋىپى يايمىسىدىكى «ئالا بۇغىبېلىق» بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما، بۇ يەردىكى «ياڭ ۋازى» بېلىق كاۋىپى 1997- يىلىدىن باشلاپ ئۇلۇنگۇر كۆلى بويىدا تىجارەت قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىر شۇ جايدىكى بېلىق كاۋىپىنىڭ «كاتتا» ماركىسىغا ئايلانغان ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق كاۋاپلىرىنىڭ يەنە ۋاكۇئۇملۇق ئورالمىسىمۇ بار بولۇپ، ئېلىپ كېتىشكە ئىنتايىن قولايلىق.
ئادەتتە مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بۇ يەردە ھەپتە ئاخىرى بولسىلا ئادەملەر قىستىلىشىپ كېتىدۇ. بۇ يەرگە كېلىپ سەھرا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ، مەززىلىك بېلىق كاۋىپىنى تېتىپ سالقىنداش تولىمۇ راھەت ئىشلارنىڭ بىرى، ساياھەت قىلغاندا مۇشۇنداق مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسىمۇ ياخشى بولسا، كەيپىياتمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ، بۇنداق ساياھەت چوقۇم سىزنىڭ بىر بېرىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى