قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باغراش كۆلىدىكى 80 مىڭ مو يەردە ئېچىلىپ كەتكەن ياتما نېلۇپەر گۈللىرى مېھمانلارنى كۈتىۋالدى

2018-06-13 19:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، باغراش كۆلىدە ئۆسكەن ياۋا ياتما نېلۇپەر گۈللىرى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل گۈل ئېچىلىش پەسلىنى كۈتىۋالدى، بەس- بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن ياتما نېلۇپەر گۈللىرى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
باغراش كۆلى »نېلۇپەر دېڭىزى دۇنياسى« مەنزىرە رايونىنىڭ دىرېكتورى يۈەن ياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باغراش كۆلى چوڭ كۆل ۋە كىچىك كۆلدىن ئىبارەت 2 كۆلگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ياۋا ياتما نېلۇپەر گۈللىرى كىچىك كۆلگە جايلاشقان ئىكەن، ئىگىلىگەن كۆلىمى 80 مىڭ مو كېلىدىكەن. ئازراق مەزگىلدىن كېيىن، نېلۇپەر گۈللىرىنىڭ ھەممىسى پورەكلەپ ئېچىلغاندا باغراش كۆلىدىكى كىچىك كۆل كۆل سۈيىنى كۆرەلمىگۈدەك دەرىجىدە نېلۇپەر گۈللىرىگە پۈركىنىپ كېتىدىكەن. ھەر يىلى 6- ئايدىن 8- ئايغىچە، ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بەس- بەستە بۇ يەرگە كېلىپ پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن نېلۇپەر گۈللىرىنى تاماشا قىلىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى ساياھەت كەسپى قۇرۇلۇشىنى ئۈزۈكسىز زورايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، »ئېكولوگىيەلىك ناھىيە بەرپا قىلىش«تا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
يۈەن ياڭ مۇنداق دېدى: ياتما نېلۇپەرنىڭ سۇ سۈپىتىنى تازىلاش رولى بار، بۇ دەل باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى