قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چياڭزۇ مىللىتى

2018-06-14 17:48:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۈزەل ھەم سىرلىق مىنجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت-- چياڭزۇ مىللىتى ياشايدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ئابا ئوبلاستىنىڭ ۋېنچۈەن، ماۋچۈەن ۋە لىچۈەن ناھىيەلىرىنىڭ ئېگىز تاغ ۋە جىلغىلار ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان. ئەمگەكچان، باتۇر قەدىمىي چىياڭزۇلۇقلار، ئۆزگىچە ۋە كامالەتكە يەتكەن بىناكارلىق سەنئىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا كۆزگە كۆرۈنىش بىلەن بىرگە يەنە نەپىس كەشتە تىكىش ۋە ئۇسسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق. نۇرغۇن ئۇسسۇللار ئىچىدە «قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسۇلى» ئەڭ داڭلىق. تارىخىي ماتىرياللاردا خاتىرلىنىشىچە: قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى قەدىمقى چىياڭلار ئارىسىدا «شىبى» لار داخانلىق قىلغاندا ئوينايدىغان بىر خىل ئۇسسۇل بولۇپ، كېيىن ئاستا- ئاستا خەلق ئۇسسۇلىغا ئۆزگەرگەن. «شىبى»، «شۈ» ياكى «ئاباشۈ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر خىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلمايدىغان ئۆلىما، ئۇ ھەم ئىپتىدائىي دىنىي پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىسى شۇنداقلا چىياڭزۇ مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ تارقاتقۇچىسى. ئۇ ھەر بىر كەنتتە بىردىن ئىسىم بار. مەسىلەن: تاغ ئىلاھىغا تاۋاپ قىلىش، ئەسلىگە قايتىش، تىنچلاندۇرۇش، بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلۇش، توي قىلىش، بوۋاققا ئىسىم قويۇش، ئۆلۈپ كەتكەلەرنى دەپنە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل مەدىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ.

«قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى» قانداق تارقالغان ھەم قانداق ئومۇملاشقان؟

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىلاھ ئابام ھەر خىل نەزىر- چىراغ سۇرۇنلىرىدا ئىشلىتىدىغان كىتاپلارنى ئېلىپ ماڭغاندا چارچاپ كېتىپ، يولدا بىردەم دەم ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئويغۇنۇپ قارىسا بارلىق كىتابلارنى بىر ئۆچكە يەۋېتىپتۇ، ئۇ بۇنى كۆرۈپ قانداق قىلارىنى بىلەلمەي جىددىلىشىپ تۇرغاندا، دەرەختىكى سېرىق ياللىق مايمۇن ئۇنىڭغا: «ئۆچكە سېنىڭ كىتابىڭنى يەۋەتتى، سەن تېزدىن ئۆچكىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ تېرىسىدىن دۇمباق ياسا، داخانلىق قىلغاندا دۇمباقنى چالساڭ، مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەممىسى چىقىدۇ» دەپتۇ. بۇ ئامال ھەقىقەتەن توغرا چىقىپتۇ، ئابام سېرىق ياللىق مايمۇنغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن داخانلىق قىلغان ۋاقىتتا سېرىق ياللىق مايمۇنغا تېرە تۇماق كەيدۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىبىلار تىلاۋەت قىلغان ياكى داخانلىق قىلغاندا مايمۇن بېشىغا تېرە تۇماق كەيدۈرۈپ «قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسۇلى» ئوينايدىغان بوپتۇ.

بۇ ئۇسسۇل كېيىن ئاستا- ئاستا خەلق ئۇسسۇلىغا ئۆزگەرگەن. ئۇ قەدىمىي چىياڭزۇ مىللىتىنىڭ مىللىي تۇرمۇش ئەھۋالى، مىللىي ئېتىقادى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بىر قەدەر داڭلىقلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا «مۇبىتانىڭ ئاسماننى ياسىشى»، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان «چىجىبۇگې»، يەنە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈش تارىخى داستانى «جاڭگې ئۇرۇشى» قاتارلىقلار بار. ئۇسۇلغا تېرە دۇمباق بىلەن قوۇڭغۇراق تەڭكەش قىلىنىدۇ. پۈتۈن ئۇسسۇلدا دۇمباق بىلەن قوڭغۇراق ئاۋازى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كىتىدۇ، ئۇسسۇلنىڭ ھەركىتى چاققان، تېتىك، جۇشقۇن، رېتىمى سىلىق بولۇپ، بىر خىل سۈرلۈك ھەم قىزغىن كەيپىياتقا تولغان بولىدۇ.

«قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى» چياڭزۇ خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، چىياڭزۇ مىللىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتىريال، شۇنداقلا چىياڭزۇ مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ھىساپلىنىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ، سىچۈەن ئۆلكىلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئابا ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى، ماۋشىيەن ناھىيەلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە ۋېنچۈەن ناھىيەلىك «مۈڭگۈزگۈل» ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىقلار ئىلگىرى بىر قاتار «قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى» نومۇرىنى ئورۇنلىغان. دېمەك، بۇ ئۇسسۇل ئۆزگىچە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ھەمدە چىياڭزۇلارنىڭ مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

«قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى» نىڭ ھەركەتلىرى ئەپچىل، چاققان، جۇشقۇن بولۇپ، كۆپىنچە سائەت سىترىلكىسىنىڭ قارشى يۆلىنىشىچە بويىچە ئوينىلىدۇ. ئۇسسۇل يېتەكچىسى بېشىغا سېرىق ياللىق مايمۇننىڭ تۇمىقىنى كىيىپ، سول مۈرىسىگە توقماقنى ئارتىپ، ئوڭ قولىدا مىس قوڭغۇراق تۇتۇپ تۇرىدۇ. باشقا ئەرتىسلار بولسا قولىغا دۇمباق ئالىدۇ، ئادەم سانى ئادەتتە 6 دىن 8 گىچە بولىدۇ. دۇمباق يوغان ھەم ئېغىر بولغاچقا، ئۇسۇل ئوينىغاندا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دۇمباقنىڭ يۆتكىلىشى ئەرتىسنىڭ ھەركەت ئۆزگىرىشىگە تايىنىدىغان بولۇپ، تىز يۇقىرى تۆۋەن سىلكىنگەندە ئاندىن ئۇسسۇل شەكىللىنىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىسى ياكى ناخشىسىمۇ يوق، پەقەت دۇمباقنىڭ رېتىمى، قوغۇراق ئاۋازىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رېتىمىدىن شەكىللىنىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-، 70- يىللىرى، ۋېنچۈەندىكى «قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى» ئەترىتى كۆپ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ، زۇڭلى جۇ ئېنلەي قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىبى مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ۋە «زاڭزۇ، چياڭزۇ، گوجۇاڭ» نىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، «قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى» ۋېنچۈەن ناھىيەسى تەۋەسىدە تېخىمۇ كەڭ تارقالغان. بولۇپمۇ، لوڭشى يېزىسىنىڭ ئار، بادو، ئېغىل، جىتەي كەنتلىرى؛ يەنمېن يېزىسىنىڭ لوبوجەي، يۆلى كەنتلىرىنىڭ ئۇسسۇلى ئەڭ جانلىق. ئەگەر چياڭزۇ ئۇسسۇلى بىر ئىستاكان خۇشپۇراق ھاراق دېيىلسە، «قوي تېرىسى دۇمباق ئۇسسۇلى» دەل بىر نادىر داستان!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى