قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشتا قوللىنىشچان بىرقانچە ئەپچىل چارە

2018-06-14 17:51:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

توك سۇداننى قانداق تازىلايمىز؟

توك سۇداننى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن يېڭى لىموننى كېسىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ توك سۇداننىڭ ئىچىگە سېلىپ ئىككى-ئۈچ سائەت قايناتساق ئىچىدىكى ئاق دۇغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

ئۆي جاھازلىرىدىكى سېسىق پۇراقنى قانداق يوقىتىمىز؟

تارتما، ئىشكاپ قاتارلىقلاردا سېسىق پۇراق پەيدا بولۇپ قالسا ئىچىگە بىرەر پارچە ئەتىر سوپۇن قويۇپ قويغاندا سېسىق پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

بۇس تارتقۇنى قانداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە تازلىغىلى بولىدۇ؟

بىر قازان سۇ قاينىتىپ، بۇس تارتقۇنى ئېچىپ سو ھورىنى بۇس تارتقۇغا قويۇپ بېرىمىز. بىردەمدىن كېيىن ماي داغلىرى ئۆزلىكىدىن يۇمشاپ ئېقىشقا باشلايدۇ.

پىياز توغرىغاندا كۆزدىن ياش ئاقسا قانداق قېلىش كېرەك؟

پىياز توغرىغاندا كۆز غىدىقلىنىپ ياش چىقىدۇ. چۈنكى، پىيازنىڭ تەركىبىدىكى ئۇچۇشچان ماددىلار تەركىبىدە ياش ئاققۇزىدىغان ماددا بار. پىيازنى توغراشتىن بۇرۇن پىيازنى سۇغا 10 مىنۇت چىلاپ قويۇپ بۇ خىل ماددىنى ئېرىتقاندىن كېيىن ئاندىن توغرىغاندا كۆزنى بىئارام قىلمايدۇ.

تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان قوللىنىشچان ئەپچىل چارىلەرنى بىلىۋالغاندا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل ئۆتىدۇ. بۇ بىرنەچچە خىل چارىلەر ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ. چەمبىرىكىڭىزگە يوللاپ قويۇڭ. دوستلىرىڭىز چوقۇم سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى