قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون دېققەتنى چېچىۋېتىدۇ

2018-06-14 17:51:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھازىر كىشىلەرنىڭ يان تېلېفونغا قاراش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، قاراش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزارماقتا. ئەمما، ئۇلار بۇ خىل ئادەتنىڭ مېڭىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يان تېلېفونغا ئۇچۇر كېلىش سەۋەبىدىن تىترىسە ياكى يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلىسا، كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى يىغىشىغا، خىزمەت ۋە باشقا مەشغۇلاتىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە دائىم يان تېلېفوننى قولىدىن چۈشۈرمەي، ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنتۇغاقلىق، دېققىتىنى يىغالماسلىق، ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ئېسىدىن چىقىرىشتەك ئالامەتلەرنىڭ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى