قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاتا- ئانىلار بالىلارنى ساغلام چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ نۇقتىلارنى چوقۇم بىلىشى لازىم

2018-06-14 17:52:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«چېنىقىش بىلەن چوڭ بولۇش» تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنى ساغلام، ئىلمىي، تەرتىپلىك چېنىقتۇرۇش ھەر بىر ئاتا- ئانىنىڭ ئارزۇسى. ئاتا- ئانىلار چېنىقىش بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى پىسخىكا جەھەتتىنمۇ ساغلام قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ياشلار- ئۆسمۈرلەر تېخى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا، بەدەن چېنىقتۇرغاندا چوقۇم ئۇلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، چېنىقىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش لازىم.

ئاۋال بالىلارنىڭ چېنىقىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، بەدەن چېنىقتۇرغاندا بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىش، 10- 19 ياشقىچە بولغان ياشلار- ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، پىيادە مەكتەپكە بېرىش، پەلەمپەيدە مېڭىش، يەر تازىلاش، ئەخلەت تۆكۈش قاتارلىق كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، يۈگۈرەش، ۋالىبول ئويناش، سۇ ئۈزۈش، ۋاسكىتبول ئويناش قاتالىق تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرىنى تاللاپ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.

قائىدىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام بولغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، سۆڭەك ساغلاملىقىغا دېققەت قىلىش، يارىلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، قۇرمىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ ساغلام روھى ھالەت ۋە پىسخىلىق ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

بەدەن چېنىقتۇرغاندا مىقدارىنى ئاستا- ئاستا كۆپەيتىش، بىرلا قېتىمدا بەك كۆپ ھەرىكەت قىلىۋەتمەسلىك، ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش لازىم.

ھەر ھەپتىدىكى ھەرىكەت مىقدارىنى چوقۇم ياخشى كونتىرول قىلىش كېرەك. ئۈچ قېتىم ۋاسكىتبول ئويناش، ئۇزۇنغا يۈگۈرەش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى قىلىش، ئۈچ قېتىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈش دېگەندەك بېسىمغا قارشى تۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش، يەر بېغىرلاش قاتارلىق بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى