قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشانغانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى موھىم ھەمراھلار

2018-06-14 12:19:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاياتقا  نۇرغۇن  كىشىلەرنى ھەمراھ قىلىش.
ياشانغانلار باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى  كۈچەيتىپ، پىسخىكىسى ۋە تېنىنى ئەركىن ھالەتتە تۇتۇپ، ساغلام بولۇش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يېتىشى لازىم.
ھاياتقا، ئەخلاقنى ھەمراھ قىلىش.
ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بېلىش، ھەممە ئىشتا ئوڭلۇق بولۇش، كۆڭلى- كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ مۇقەررەر ھالدا روھىي ھالەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، نېرۋا ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش رولىمۇ ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرىدۇ- دە، ساغلاملىق سەۋىيەسىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ.
ھاياتقا، مۇڭدىشىدىغان دوستىنى ھەمراھ  قىلىش. 
كۆڭلىدىكى گەپنى دېمەي ساقلاۋەرسە، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى  ئادەمنى كېسەل قىلىدۇ، مەيلى خوشال قىلىدىغان ياكى غەم قىلدۇرىدىغان ئىش بولسۇن، ھەممىنى بىراقلا دەۋىتىپ راھەت بولغان ياخشى، چۈنكى  گەپ بولسا دەۋىتىشمۇ يىغىلىپ قالغان قانلارنى ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل ياخشى دورا. 
ھاياتقا، ھەرىكەتنى ھەمراھ قىلىش.
بىزدە «ھەرىكەت- بەرىكەت» دېگەن گەپ بار. ياشانغانلار دائىم كۈچى يەتكۈدەك ئەمگەك ياكى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك، مەسىلەن، ئاستا  مېڭىش، پەلەمپەيدىن  چىقىپ چۈشۈش،سەيلە قىلىش،يېقىنراق يەرلەرگە ساياھەتكە بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بوغۇملارغا  پايدا  قىلىپ،  قان  تومۇرلارنى  ئاچىدۇ. ھەر  قايسى  ئورگانىزم  توقۇلمىلىرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى  بولىدۇ. 
ھاياتقا، گۈزەللىكنى  ھەمراھ  قىلىش.
ياشانغاندا  ياسىنىپ  يۈرۈش  ،  جىسمانىي  جەھەتتىكى ساغلاملىققا پايدىلىق. ياشانغانلار  رەتلىك  كىيىنىپ يۈرسە، خوشاللىق تۇيغۇسى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى ۋە قانائەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. ياشلىق ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە ئاجايىپ ئۈنۈمنى كۆرەلەيدۇ. 
ھاياتقا كۈلكىنى ھەمراھ  قىلىش.
كۈلكە ئادەمنىڭ  گۈزەل  كەيپىياتىنىڭ تەبىئىي ئىپادىلىنىشى بولۇپ،بىر  خىل  گۈزەل  كەيپىيات   ياخشى  دورىدىنمۇ  بەكرەك ئادەمنىڭ روھىي  ھالىتىدىكى  ھارغىنلىق  ۋە  ئازابنى  يوقىتالايدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى  كۈلۈپ ياشىغان، ئۈمىدۋار، خۇشخۇي مىجەزلىك  ئادەملەر ئىكەن.
ھاياتقا  يېشىللىقنى  ھەمراھ قىلىش.
ياشانغانلار دائىم يېشىل مۇھىتلارغا بېرىپ ئايلىنىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ تۇرۇشى لازىم، دائىم خىلىروفىل مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك يىيىشمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى سىرنىڭ بىرىدۇر.
ھاياتقا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ھەمراھ قىلىش.
بىزدە «تىكەنگە قارىغاندا گۈلنى كۆپرەك ئۆستۈر» دىگەن گەپ بار. قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرسا، ئادەمگە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.بۇمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىر سىرىدۇر.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى