قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۈنچىلىرى

2018-06-14 12:33:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خۇشاللىق -خۇشاللىق ئىزدەيدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ. چۈنكى، گۈزەللىك خۇشاللىقتا ئىپادىلىنىدۇ. خۇشاللىق ئۆز ئۆزىنى ئېتراپ قىلىش، تۇرمۇشنىڭ سۆيۈملۈك تەرەپلىرىنى بايقاشتۇر.
ھەر بىر ئىشنى قىلغاندا سىزنىڭ قىلغىنىڭىزنى چۈشەنمەيدىغانلار چىقىشى مۇمكىن، ئەمما سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى جان پىدالىق بىلەن قىلسىڭىز شۇ كۇپايە. سىزنى ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلەيدىغان ئادەم بولۇشىڭىز كېرەك.
دوستلۇق كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەنىۋى ئوزۇق ھېسابلىنىدۇ. دوستلۇق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل كۈچ ھەم ئىلھام. چىن دوستلۇق روھى ئوزۇق. چىن دوستلۇق بىزگە ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بىز ئەزىزلەيدىغان، بىزنى ئەزىزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ، ھەقىقىي دوستلارنىڭ كۆپ بولۇشى ـــ تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتىمىزنى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى، ئۆزىمىزگە بولغان چۈشىنىش، ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇمىزنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىدۇ.
ئاق كۆڭۈللۈك، ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ھەر بىر ئىشىمىز بىزگە ھامان ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە باشقىلارنىڭ مەۋجۈدلىقىنى ھېس قىلالايدىغان، جىمى مەۋجۈداتنىڭ ئۆز- ئارا باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى، ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان قەلب بولۇشى كېرەك.
باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىش، ئۆز نۆۋىتىدە  ئۆزىگە كەڭ قورساق بولغانغا باراۋەر. كىشىلەر ئۆز ئارا كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بولۇشقا، بىر-بىرىنى چۈشىنىشكە مۇھتاج، بىر ئادەمگە كەڭ قورساقلىق قىلسىڭىز، بىر رەقىبىڭىز ئازىيىپ، بىر دوستىڭىز كۆپىيىدۇ. شۇنداقلا ئىناق-ئىتتىپاق، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان مۇناسىۋەتنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى