قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 مەسئۇلىيەت بىر خىل بۇرچ تۇيغۇسىدۇر

2018-06-14 12:34:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

   باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەسئۇلىيەت بىر خىل زىممىسىگە ئېلىش، بەدەل تۆلەش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىنى، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
   مەسئۇلىيەت بىر خىل پوزىتسىيە بولۇپ، كىشى جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەن چوقۇم تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى ئوخشىمىغان كەسىپ، ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تونۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: پۇقرانىڭ ۋەتەن ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، پەرزەنتنىڭ ئاتا - ئانا ئالدىدىكى پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتى، كىشىلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، شەخسنىڭ كوللېكتىپقا بولغان مەسئۇلىيىتى... دېمەك ھەربىر كىشى مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ياشايدۇ. شۇڭا مەسئۇلىيەت بار - يوقلۇقى بىلەن ئەمەس، ئاز - كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
   مەسئۇلىيەتنى قانداق ئادا قىلىش بىر خىل پوزىتسىيە مەسىلىسىدۇر. بىز مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنايلى ياكى نېمە ئىش قىلايلى، زىممىمىزدىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئەستايىدىل ئادا قىلساق ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز رازى بولىمىز، كۆپچىلىك رازى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئىناق، تەرەققىي تاپقان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمىز.
   مەسئۇلىيەت بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئاكتىپ ئېنېرگىيەدۇر. ئۇ بىزنى داۋاملىق تىرىشىشقا، ئىشلارنى ئەستائىدىل ئىشلەشكە ئۈندەيدۇ. ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
   مەسئۇلىيەت كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئائىلىدىن باشلاپ بىزگە سىڭىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ. ئائىلىدە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئائىلىگە، پەرزەنتلەرگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىللە، بالىلاردا ساغلام بەدەن بولۇش، تىرىشىپ ئۆگىنىش، توغرا دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئاسراش، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئاتا - ئانىلار يەنە داۋاملىق يېڭى خىزمەتكە چىققان بالىلىرىغا تىرىشىپ ئىشلەپ، ۋەزىپەڭنى ياخشى ئورۇنداپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچما دېگەندەك تەربىيەلەرنى قىلىدۇ. مانا بۇ خىل تەربىيەلەر پەرزەنتلەرنىڭ بالىلىق قەلبىدە بارغانسېرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۇرىدۇ.
   شۇنداق، شەخس ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە، ئائىلىگە، كوللېكتىپقا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. چۈنكى مەسئۇلىيەتچانلىق بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئىجابىي ئېنېرگىيە بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتە ياخشى يول باشلىغۇچى بولالايدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلغان ھەرقانداق ئىشتىن ئاسانلىقچە مەسىلە چىقمايدۇ. قولنىڭ ئۇچىدا قىلغان ئىش مەسئۇلىيەتسىز پوزىتسىيەمىزنى ئىسپاتلاپ، باشقىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتىمىزنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
   شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇش، باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش، ئىشلەۋاتقان خىزمىتىمىزگە مەسئۇل بولۇش، ئاتا ـ ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، ئوماق پەرزەنتلىرىمىزگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ياشايلى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلۇغ ۋەتەننى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ھەرقاچان يادىمىزدا بولسۇن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى