قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتلىق ھەقىقەتلىرى

2018-06-14 12:37:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

   باشقىلار سىزنىڭ ئورنىڭىزدا چىداملىق بولۇپ بېرەلمەيدۇ، ئۆزىڭىز يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان ئىشلارغا يۈزلىنىشنى ئۆگىنىڭ، ھەمدە ئۆزىڭىزگە:«بۇ مېنى تاۋلىماقچى بولغىنى»دەپ پىچىرلاڭ.

  ئەقىللىق ئادەملەر ئاغزىنى يۈرىكىگە يوشۇرىدۇ، ئەخمەق ئادەملەر يۈرىكىدىكىنى ئاغزىدا ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە سۆزلەپ ماڭىدۇ.

      بىز ھەمىشە ھاياتلىقنىڭ قايتا كەلمەيدىغانلىقىدىن نارازى بولىمىز، لېكىن شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، ئەگەر قايتا كەلسە كىممۇ ئۇنى قەدىرلەيدۇ؟

      يوپۇرماقنىڭ دەرەختىن ئايرىلىشى شامالغا ئەگەشكەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى دەرەخنىڭ ئېلىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقى.

       بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا بىر تامچە مەينەت سۇ تېمىتىلسا ھەممىنى بۇلغايدۇ، لېكىن بىر ئىستاكان مەينەت سۇغا بىر تامچە سۈزۈك سۇ تېمىتسىڭىز ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

      ھاياتلىق خۇددى سائەتكە ئوخشايدۇ، ئەسلىدىكى نۇقتىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ، لېكىن ئۇ تۈنۈگۈن ئەمەس.

      سىزگە ئازار بەرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىڭ، ئۇلار سىزنى تاۋلاپ چىقىدۇ؛ سىزنى ئالدىغانلارغا رەھمەت ئېيتىڭ، ئۇلار سىزنى تېخىمۇ پاراسەتلىك قىلىدۇ؛ سىزنى تاشلىۋەتكەنلەرگە رەھمەت ئېيتىڭ، ئۇلار سىزگە مۇستەقىللىقنى ئۆگىتىدۇ؛ سىزگە تەنبىھ بەرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىڭ، ئۇلار سىزنىڭ يېتەرسىزلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

      بەك كۆپ ئويلاش سىزنى نابۇت قىلىدۇ، مىڭ قېتىم ئويلىغاندىن بىر قېتىم ھەرىكەتكە كەلگەن ئەۋزەل. تىرىشىپ خىزمەت قىلىڭ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسىراڭ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ، ئەڭ ياخشسى ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى