قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل ئايال قانداق بولىدۇ؟

2018-06-14 16:48:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۈزەل ئايال ئاق كۆڭۈل بولىدۇ. ھەقىقەتەن، بىر ئاق كۆڭۈل ئايال نۇرغۇن ياخشىلىقلارنىڭ سەۋەپكارى بولالايدۇ.
گۈزەل ئايالنىڭ تىلى گۈزەل بولىدۇ. تىل كىشىگە بەخت-ئامەتمۇ ۋە ياكى كۆڭۈلسىزلىكمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. بىر ئايالنى سۆيۈملۈك كۆرسىتىدىغىنىمۇ، يىرگىنىشلىك كۆرسىتىدىغىنمۇ شۇ تىل. بۇرۇن بىر دانا ئايال بولغان ئىكەن، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولماي ئىككىسى ئازراق گەپ تەگىشىپ قاپتۇ ئېرى ئاچچىقىدا ئۇ ئايالغا :«كېرەكلىك نەرسىڭىزنى ئېلىپ دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە كېتىڭ»دەپ قويۇپ ھوجرىسىدا ئۇخلاپ قاپتۇ، دانا ئايال كېچىدە ئۇخلاپ ياتقان يولدىشىنى يوتقان-كۆرپە بىلەنلا ئاۋايلاپ كۆتۈرگۈزۈپ مەپىگە سېلىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ، يېرىم يولغا كەلگەندە يولدىشى ئويغىنىپ :«ۋاي بۇ نىمە ئىش» دەپتىكەن، دانىشمەن ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ: «مېنى كېرەكلىك نەرسىڭىزنى ئېلىپ دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە كېتىڭ دىگەنتىلە، ماڭا كېرەكلىك نەرسە سىلىكەنلا شۇڭا سىلىنى ئېلىپ دادامنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاتىمەن» دەپتۇ، ئېرى بۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ قايتۇرالماي ئوڭايسىز بوپتۇ ۋە ئايالىنى قايتۇرۇپ كېتىپتۇ. دىمەك، «ياخشى سۆز تاشنى يارار»دىگەن ماقالنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇر. بوش ئاۋازدا، سىلىق تەلەپپۇزدا، مەزمۇنلۇق سۆزلەيدىغان ئايال ھەممە كىشىگە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. جايىدا دىيىلگەن بىر ئېغىز سۆز گېزى كەلسە دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرىدۇ. سۆز دىگەن ئېغىزغا يىغىلىپ تۇرغان گۆھەر، ئۇنى خالىغان يەردە سۆزلەپ ئىسراپ قىلىشقىمۇ، زۆرۈر بولغاندا سۆزلىمەي يۇتۇۋېتىشقىمۇ بولمايدۇ.
گۈزەل ئايال مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا ياشايدۇ. مىننەتدارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان گۈزەل ئەخلاق،بىر ئايال مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا ياشىسا بىرى قانائەتنى يۈرىكىگە چىللايدۇ، يەنە بىرى ئېرىگە ئىلھام بېرەلەيدۇ.
گۈزەل ئايال كەڭ قورساق بولىدۇ.
گۈزەل ئايال تېجەشلىك بولىدۇ. مەن تونۇيدىغان بىر ئايال بار،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قەدىر ئەھۋال ئۆتەتتى. ئۇ ئايال بالىسىنى مەكتەپكە بەرگەن كۈندىن تارتىپ كۈنىگە 10 يۇئەن پۇلنى بىر كىچىك ساندۇققا تاشلاپ ماڭغان ئىكەن، ئايال مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئايدا 300 يۇئەندىن يىغىپ مېڭىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بالىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىنى بېرىپ بولغان كۈنگىچە جەمئىي 38 مىڭ 90 يۇئەن پۇل يىغىپتۇ. بۇ پۇل بالىسىنىڭ بەش يىللىق ئوقۇش چىقىمىغا يېتىدىكەن. ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىپ بولغان كۈنى بالىغا ئاشۇ يىغقان پۇلىنى كۆرسىتىپتۇ ۋە ئۇ پۇلنىڭ يىغىلىش تارىخىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇدەك ئىقتىسادىي شارائىتى بولمىغاچقا، بالىسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىمۇ ئوقۇيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغانىكەن، ئاپىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن شۇنچىلىك خوش بولۇپ بېشى كۆككە يېتىپتۇ ھەمدە: «مەن چوقۇم ئۈمىدىڭلارنى ئاقلايمەن، ھامان بىر كۈنى سىلەرگە راھەت كۆرسىتىمەن »دەپتۇ. دىمەك، بۇ تېجەشلىك ئانا شۇ ئىش بىلەن ئىككى خىل ئۈنۈمگە ئېرىشتى،بىرى ئوغلىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالايدىغان بولدى، يەنە بىرى ئوغلىغا ئۆمۈر بويى ئېسىدىن چىقمىغۇدەك پۇل تېجەش دەرسى ئۆتتى.
گۈزەل ئايال ئىدىتلىق بولىدۇ. ئىدىتلىق ئايال ھەممە يەردە، ھەر ۋاقىت گۈزەل كۆرۈنەلەيدۇ. بالىلىرىغا بولسۇن، ئېرىگە بولسۇن، باشقىلارغا بولسۇن، گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
گۈزەل ئايال بىلىمگە ئىنتىلىدىغان بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل-بىلىمگە ئىنتىلىش، كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىشتۇر. بىلىم ئېلىشنىڭ يوللىرى نۇرغۇن، بىز مەكتەپتە ئوقۇش ئارقىلىق بىلىم ئالىمىز. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىمكان بولمىسا كىتاپتىن، جەمئىيەتتىن، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئادەم قانچە كۆپ ئۈگەنگەنسىرى نەزەر دائىرىسى شۇنچە كېڭىيىدۇ، مەسىلىلەرگە توغرا قارىيالايدىغان، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان، ئىشلارغا توغرا قارار چىقىرالايدىغان بولىدۇ. يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. پىسخىكىسى ساغلام، ئۈمىدۋار ئاياللار باشقىلارغا گۈزەل كۆرۈنىدۇ. دىمەك، بىلىم ئاياللارنىڭ چېھرىگە نۇر، ۋۇجۇدىغا گۈزەللىك، روھىغا مۇكەممەللىك بېرىدىغان خىسلەتلىك بايلىق. ئۇنىڭغا ئىنتلىگەن، ئۇنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشقان ھەر قانداق ئادەمگە ئارزۇ قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى بېرەلەيدىغان ۋە ئۇنى گۈزەللەشتۈرەلەيدىغان قۇدرەتلىك ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسى. قىسقىسى گۈزەل ئايال بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولايلى.
گۈزەل ئايال بولۇشنىڭ يوللىرى كۆپ. بىزدە كەم بولغان نۇقتىلارنى تولۇقلاپ ئەجىر قىلساقلا، كۈندىن كۈنگە گۈزەللىشىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالايمىز. كۆزىمىز بىلەنلا ئەمەس، يۈرىكىمىز بىلەن ھېس قىلالايمىز. بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ جىسمىغا، ھاياتىغا، ئەقلىگە ھەر بىر كۈنىگە گۈزەللىك يار بولسۇن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى