قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېرىككەكلىك ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ قالمىسۇن

2018-06-14 16:52:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى 10:00غا يېقىن خىزمەتكە بېرىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى بولغاچقا، ئەسقەر ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئىشقا ماڭغاندا دائىم توسۇلۇپ قالىدۇ، ئىلگىرى بۇ ئىشلارغا ھەر ھالدا تاقەت قىلىپ تۇرالايتتى، ھازىر بولسا مىجەزى چۇس تىرىككەك بولۇپ قالدى. ئۇ ئالدىنى توسۇۋېلىپ ماڭالمىغان شوپۇرلارنى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي تىللايدۇ،  يولدا راۋان كېتىۋاتقاندا بىرەر ئادەم يولدىن كېسىپ ئۆتسىمۇ ئۇنىڭغا تېرىكىدۇ، ھەتتا ئۇرۇق تۇغقانلىرى ماشىنىسىغا چىقىۋالغان چاغدىمۇ ماشىنىدا ئادەم بار- يوق دېمەي تېرىكىدۇ ھەتتا بەزىدە ئېغىزىنىم باشقۇرالماي قالىدۇ.
بارلىق ئاكتىپ نىشانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېرىكىشنىڭ بىرئازمۇ تىلغا ئالغۇچىلىك پايدىسى يوق. ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئىشتىن كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان نۇرغۇن چەكتىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تېرىكىشنىڭ كۆپ خىل سىرتقى ئىپادىلىرى بار، مەسىلەن ئۆچ بولۇش، بىزار بولۇش، دۈشمەنلىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش، تېرىكىش سالامەتلىككە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇ يۈرەك ئاجىزلىشىش، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق، جاراھەت ۋە ھەتتا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاچچىقلىنىش سىزنىڭ قەلب كۆزىڭىزنى توسۇپ، كىشىلىك ھاياتتىن خۇشال خۇرام ۋە تىنچ روھىي ھالەتتە ھۇزۇرلىنىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز چۇقۇم ئۇنى تىرىشىپ تىزگىنلىشىڭىز ۋە تۈگىتىشىڭىز كېرەك.
مىجەزى ھەر ۋاقىت چۇسلىشىپ تۇرۇش، كىچىك ئىشلارغىمۇ تېرىكىش مەيلى سالامەتلىك ۋە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولسۇن بىزنى ھامان زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. داۋاملىق تېرىكىپ يۈرۈش نېرۋا ئاجىزلىقنى، يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم، ھەرخىل ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇششاق چۈششەك ئىشلاردىن تارتىپ چوڭ- چوڭ ئىشلارغىچە ئۇلارنىڭ نېرۋىسىنى قوزغايدۇ، سۆزلىگەندىمۇ تېرىكىپ سۆزلەيدۇ، 5 مىنۇت پاراڭلىشىپ قالغان ئادەم نېرۋىسىنىڭ ھەقىقەتەن چېچىلاڭغۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
بەلكىم كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئادەمنى كۆڭۈلسىز قىلىدىغان بىر قىسىم ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، لېكىن تىرىكىش ۋە پەرىشان بولۇش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، غەزەپلىنىش كەيپىياتى پەقەت سىزگە تېخىمۇ كۆپ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ھەم ئۆزىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.
سىز چۇقۇم ئىچكى جەھەتتىن ئۆز كەيپىياتىڭىزنى تېزگىنلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، كۈلكە ئارقىلىق غەزەپنى يېنىكلىتىڭ، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا ئىگە بولۇڭ، ياخشى كەيپىيات ئارقىلىق ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرۇڭ. باشتىن ئاخىر ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاڭ. كىشىلەر ھەمىشە نۇرغۇن زېھنىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىتى يەتمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، مەسىلەن: مۇسابىقە، قاتناش ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلارغا تېرىكىپ ئىسراپ قىلىدۇ.
كېلەر قېتىم سىزدە تېرىكىش كەيپىياتى پەيدا بولاي دېگەن ھامان كۆڭلىڭىزنى توختىتىۋېلىپ، ئۆز ئۆزىڭىزدىن مېنىڭ ئاچچىقلىنىشىم سەۋەبىدىن بىر ئادەم نەپكە ئېرىشەمدۇ يوق دەپ سوراڭ، ئادەمنى پەرىشان قىلىدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەھۋالنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ چىقىڭ. ئىشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى ئۆزىڭىزگە بەش قولدەك ئايان بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا قارىتا توغرا ئىنكاس قايتۇرۇڭ، ھەرگىزمۇ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالماي تۇرۇپ، ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭ.
سىز ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى تەھلىل قىلىشقا سەرپ قىلغان ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا، سىزنىڭ غەزەپلىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز شۇنچە كىچىك بولىدۇ. تېرىككەك بولۇپ قالغىنىڭىزنى سەزگىنىڭىزدە، ئالدى بىلەن تىلىڭىزنى يىغىپ، سۈكۈت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز ھەر قانداق ئىشقا چېچىلماي، كاللا ئىشلىتىپ مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا روھىي تەڭپۇڭلۇقىڭىز ئەسلىگە كېلىپ، تۇرمۇشتا خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز.
كەيپىياتنى بۇزىدىغان سىرتقى ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپ، خىيالىيلىققا باشلاپ قويىدۇ، شۇڭا كەيپىيات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدىغان ھەر خىل ئامىلدىن يىراق تۇرۇش، ئۆزىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا كەيپىياتنى تەڭشەش، ئەگەر روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەن بولسا، كۆڭلى تارتقان بىرىگە سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىش،  روھى ئازادىلىككە ئېرىشىش كېرەك.
چۇس مىجەزلىك، تولا سۆزلەش ۋە ئۇنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا شۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى بۇزىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بېسىق بولۇشقا تىرىشىش، ھەر قانداق ئىشتا تەمكىن بولۇش، باشقىلار بىلەن قارىغۇلارچە بەس تالاشماسلىق نورمال  پىسخىك ھالەتنى ساقلاش ئارقىلىق چۇس مىجەزلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولىدۇ.
ئېغىر بېسىق كەڭ قورساق بولۇش بىر خىل پەزىلەت، بىر خىل قىياپەت، بىر خىل سالاپەت، بىر خىل تەربىيىلىنىش، بىر خىل ئەقىل پاراسەت، بىر خىل تەدبىر، ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئويلىغان ئادەم چۇقۇم باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئېغىر بېسىق بولۇشى، باشقىلارنىڭ قوللىشى ۋە قايىللىقىغا ئېرىشىشى كېرەك. تېرىكىپ بىر ئىشلارنى ھەل قىلالمايسىز، بۇ دەل ئادەمنىڭ جەمىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى ئاساسى، ئادەم كەڭ قورساق بولغاندا تېرىكمەي كەيپىياتىنى تەڭشەشنى بىلگەندە باشقىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ كەسىپتە، تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى