قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 نېرىنكىر يايلىقى

2018-06-14 17:01:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 نېرىنكىر يايلىقى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئىككى چوڭ يايلاقنىڭ بىرى، گەرچە باركۆل يايلىقىدەك نامى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان، قويۇق ئورمان، ھەيۋەتلىك غەلىتە تاش، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان زۇمرەتتەك ئېقىن سۇلىرى بىلەن سۈپەتلىنىدۇ.
 كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان »يىزىگوۋ« جىلغىسى، »ئېرزىگوۋ« جىلغىسى، »چىگېلۇ«، مىڭشا تېغى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە، شۇڭا نېرىنكىر يايلىقىنىڭ مەنزىرىسى باركۆل يايلىقىدىن قىلچە قېلىشمايدۇ.
 ئەمما، نېرىنكىر يايلىقىدا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر بولۇپلا قالماي، بۇ يەردە يەنە كىشىلەرنىڭ يېشىشىنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان سىرلار بار.
 نېرىنكىر يايلىقىنىڭ مەركىزى رايونىدا چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان 54 تاش بىلەن ئورالغان غەلىتە چەمبىرەك بار، ئەڭ چوڭ غەلىتە چەمبەرنىڭ ئايلانمىسى 80 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 6 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە ئوخشاش بىر غەلىتە چەمبىرەك بار، پەقەت ئۇنىڭدىن سەل كىچىكرەك.
ئەڭ چوڭ غەلىتە چەمبەرنىڭ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشى 100 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان جايدا، يەنە چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش قاتار تاشلار بىلەن ئورالغان 6 چەمبەر بار، 6 تاش چەمبەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى ئۈچبۇلۇڭلۇق تاش ۋە ئىككى چاسا تاشنى تىزىش ئارقىلىق ياسىغان بىر نەزىر-چىراغ مېھرابى بار.
 غەلىتە تاشلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا ئىشلىتىلگەن تاشلار بىر تۈرلۈك رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن تاغ جىنسلىرى بولۇپ، ئۇلار يايلاققا تەۋە ئەمەس، ئەتراپتىكى تاغ باغرىدىمۇ بۇنداق تاشلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
 ئەڭ چوڭ غەلىتە چەمبەرنىڭ سىرتىدا 148 تال تاش خەنزۇچە »بىر» خېتىنىڭ شەكلىدە شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدە تىزىلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تاشلارنىڭ بۇنداق تىزىلىشىدىكى مەقسەد نېمىدۇ؟ نېمىگە ئىشلىتىلگەن؟ قەدىمكى زاماندىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر جەڭ ئىشلىرى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندە، جەڭ ئاتلىرىنى باغلاشقا ئىشلەتكەنمىدۇ؟ ياكى غەلىتە چەمبىرەك ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتىنى كۆرسىتەمدىغاندۇ؟ بۇنىڭ سىرى ھازىرغىچە نامەلۇم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى